Chinese→Uyghur主要词典
法属索马里
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىگە قارام سۇمالى
سۇمالى دېڭىز بويلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جىبوتىنىڭ فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان چاغدىكى ئاتىلىشى. 1838 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىلىرى دېڭىز بويىدىكى داناكىل (ئېفىئوپىيەدە) رايونىغا بېسىپ كىرگەن. 1859 - يىلى تاجۇرا قولتۇقىدىكى ئوبوسك پورتىغا تاجاۋۇز قىلغان. 1862 - يىلى فرانسىيە داناكىل رايونىنىڭ باشلىقى بىلەن ئىجارە بىرىش شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئوبوسك ۋە بىل تۇمشۇقىدىن تارتىپ دۇمەيلاغىچە بولغان دېڭىز بويىدىكى پۈتكۈل جايلارغا ئىگە بولغان. 1888 - يىلى يەنە يېڭى شەرتنامە ئىمزالاپ،تاجۇرا ۋە گائۇباتى سۇلتانلىقى ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرغان، ئۇزۇن ئۆتمەي گوبات - خارابو، ئامۇبا ۋە جىبوتى رايونلىرىنى قورشىۋېلىپ، فرانسىيىگە قارام سۇمالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ۋە جىبوتىنى پايتەخت قىلغان. 1967 - يىلى دومىنىئونلۇق ئورنىغا ئىگە بولۇپ، ئىسمى <فرانسىيىگە قارام ۋە يىسا تېررىتورىيىسى> گە ئۆزگەرتىلگەن. 1977 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، جىبوتى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
fǎ shǔ suǒ mǎ lǐ
فرانسيە سومالىسى