Uyghur主要词典
فاسىد تالاق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <بىدئەت تالاق> يەنى <شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، لېكىن كۈچكە ئىگە ئادەتكە ئايلانغان تالاق> دېگەنلىك بولىدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش شەكىللىرىنىڭ بىرى. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەر كىشى بىر سورۇندا خوتۇنىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم تالاق دېسە ياكى خوتۇنىنىڭ ھېيىز مەزگىلىدە بىر قېتىم تالاق دېسە ۋە ياكى شەھۋانىيلىقنى قوزغايدىغان گەپنى قوشۇپ قىلسا، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. ئەر كىشى يېنىشىۋالماقچى بولسا، خوتۇنى باشقا ئەرگە تېگىپ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن يېنىشىۋالسا بولىدۇ.