Uyghur主要词典
فاسىد نىكاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام شەرىئىتىدىكى نىكاھ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نىكاھ رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان ياكى زاھىتلىق توسالغۇ مەۋجۇت بولغان نىكاھنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق نىكاھ ئوقۇلىدىغان چاغدا گۇۋاھچى بولماسلىق، ئايالنىڭ شەرتى توشماسلىق، ئاچا - سىڭىلنى تەڭ ئەمرىگە ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر تولۇقلانغان ياكى نىكاھ توسالغۇلىرى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، شەرىئەتكە ئۇيغۇن نىكاھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىئە مەزھىپى بۇنداق نىكاھنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇنلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ. نىكاھ سەھىھ بىلەن نىكاھ باتىلنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ.