Chinese→Uyghur主要词典
凡尔赛和约
دۇنيا تارىخى
ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى
(1) <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى>؛ (2) تولۇق ئاتىلىشى <ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيە بىلەن تۈزگەن سۈلھ شەرتنامىسى>. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان جاھانگىرلىك شەرتنامىسى. 1919 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۇنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن مەغلۇبىيەتچى دۆلەت گېرمانىيە پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ۋېرسال سارىيىد ئىمزالىغان. 1920 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. بۇ سۈلھ شەرتنامە 440 ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 15 قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭ بىرىنچى قىسمى خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەھدىنامىسى ئىدى. باشقا قىسىملاردا ئاساسەن مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: گېرمانىيە ئارساس - لوررېننى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ: سار كۆمۈر كېنى فرانسىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ سار رايونىنى خەلقئارا ئىتتىپاق 51 يىل باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەۋەلىكى پۇقرالارنڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ؛ ئانتانتا دۆلەتلىرى رېين دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىنى 15 يىل ئىشغال قىلىپ تۇرىدۇ. ئوڭ قىرغىقىدىك 50 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى رايونلار مۇداپىئە قويمايدىغان رايون قىلىنىدۇ. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر گېرمانىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرىنى بۆلۈشۈۋالىدۇ. گېرمانىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ھوقۇق - مەنپەئىتنى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. گېرمانىيە غايەت زور تۆلەم تۆلەپ بېرىدۇ ھەمدە 100 مىڭ كىشىلىك ئوفىتسېر - ئەسكەر ساقلىسا بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئۇنى تەسىتقلىمىغان، جۇڭگو خەلقى نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن جۇڭگو ۋەكىلى سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويمىغان. ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى جاھانگىر چوڭ دۆلەتنىڭ سوۋېت روسىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنى تالان - تاراج قىلىش ۋە ئاجىز مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش ئاساسىدا ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالايىئاپىتى يوشۇرۇنغانىدى.
ئۇنىۋېرسال
fán ěr sài hé yuē
ۋېرسايل كېلىشىمى