Chinese→Uyghur主要词典
凡尔登条约
دۇنيا تارىخى
ۋېردۇن شەرتنامىسى
مىلادى 843 - يىلى كورۇل چارلېسنىڭ ئۈچ نەۋرىسى، يەنى لۇتخائىيرې Ⅰ، لۇيىس (گېرمان) ۋە چارلېس (تاز) ۋېردۇن (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان) دا ئىمزالىغان بىر شەرتنامە. ئۇنىڭدا چارلېس ئىمپېرىيىسى ئۈچكە بۆلۈنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن: لوتخائىيرې ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شىمالىي ھەم رېين دەرياسى ۋە ئالپىس تېغىنىڭ غەربىي ئېسكائۇت (ياكى سىچلدې) دەرياسى، ساۋنى دەرياس، رخونې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەپ ئاتالغان ھەمدە پادىشاھلىق نامغا ۋارىسلىق قىلغان. لېكىن ئىككى ئىنىسىغا قارىتا چەكلەش كۈچى يوق ئىدى؛ لۇيىس (گېرمان) رېين دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولغان. شەرقىي فرانك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان؛ چارلېس (تاز) لوتخائىيرېنىڭ سۇيۇرغاللىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى يەرلەرگە ئىگە بولۇپ، غەربىي فراك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. مەزكۇر شەرتنامە ھازىرقى ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن.