Uyghur主要词典
فامېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى گەنسۇ لىنشادىكى شەھەر كەمبىغىلى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن فاجېن (؟ - 1956) قۇرغانلىقتىن، سۈلۈك ۋە شۇ ئادەمنىڭ فامىلىسى بىلەن ئاتالغان. فاجېن لىنشادىكى نەقىشبەندىيەنىڭ مەشھۇر ئاخۇنى، ھاجى بولۇپ، لىنشادىكى موچۇەن جامەسىدە ۋە بافاڭ لاۋۋاڭ جامەسىدە ئۇزۇن يىل ئىمام بولغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا خۇفىيە ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكەن، شاگىرت قوبۇل قىلمىغان. بۇرۇنقى شاگىرتلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشىغا يول قويۇپ، باشقىلارغا تەلىم بېرىشكە يول قويمىغان. شۇڭا بەزى ئاخۇن، موللىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پۇقرالار ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ئادەم بولمىغان. فاجېن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلىمى مول، ئىناۋىتى يۇقىرى، تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا، فامىن نامى بىلەن خېخۇاڭ ئەتراپىدا داڭقى چىققان. ئۇ <ئاۋۋال شەرىئەت، ئاندىن تەرىقەت> نى تەشەببۇس قىلىپ، تەسەۋۋۇپ ئىبادىتى ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان ئارزۇسىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئۆزى ئىخلاس قىلىش، باشقىلارغا تارقىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىغان.