Uyghur主要词典
فالوڭ ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ قەدىمكى ئىبادەتخانسى. نەيلياڭ ناھىيىسىدە. پاختەك ئىبادەتخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.جەنۇبىي ئاستانىدىكى يەتتە چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ بىرى. مىلادى 607 - يىلى شاھزادە شىندې تېننو يوڭمىڭنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ياساتقان. 670 - يىلى ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان. كېيىن بىرقانچە قېتىم قايتا ياسىلىپ، رىمونت قىلىنغان. ئىبادەتخانىنىڭ بىنالىرى، بۇددا ھەيكەللىرى، رەسىملىرى ھەمدە ھەرخىل نەرسە - كېرەكلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم ئاسار ئەتىقىلەردىن ئىبارەت. مەزكۇر ئىبادەتخانا ھازىر شىندې مەزھىپىنىڭ باش ئىبادەتخانىسى ھېسابلىنىدۇ.