Chinese→Uyghur主要词典
法兰西斯一世
دۇنيا تارىخى
فرانسىس Ⅰ
(1494 - 1547) فرانسىيە ۋالوئى سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1515 -1547). تەخىتتىكى مەزگىللىرى ئىستىبداتلىقنى يولغا قويۇپ، چوڭ ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلەر ئورگىنىنىڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ،پۈتۈن دۆلىتىدىكى چېركاۋلارنى كونترول قىلغان(<بولوگنا دىنى شەرتنامىسى>گە قارالسۇن). سودا - سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرگەن. سىرتقا نىسبەتەن داۋاملىق ھالدا ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان(1494 - 1559).1515 - يىلى مارىنانو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، مىلاننى ئىشغال قىلغان. كېيىن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلىس Ⅴ بىلەن تۆت قېتىم ئۇرۇش قىلغان(1521 - 1529،1525 -1527، 1542 - 1544)1538 - 1525.1536 - يىلى پاۋىيە(شىمالىي ئىتالىيىگە جايلاشقان)دىكى جەڭدە يېڭىلىپ، ئەسىرگەچۈشكەن. ئىككىنچى يىلى چارلېس Ⅴ بىلەن <مادرىد سۈلىھ شەرتنامىسى> تۈزگەن. ۋەتىنىگەقايىتقاندىن كېيىن شەرتنامىنى بۇزغان، شۇنىڭ بىلەن، يەنە ئۇرۇش يۈز بەرگەن. سىرتنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيە سۇلتانى سۇلايمان Ⅰ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1544 - يىلى چارلېسⅤ قوشۇن باشلاپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىسنى يەنە بىر قېتىم تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبورلىغان.