Chinese→Uyghur主要词典
法兰西斯.介斯
دۇنيا تارىخى
فرانسىس گىسې
(1519 - 1563)فرانسىيلىك گراف گىسىې. كلائۇدې گىسېنىڭ ئوغلى (1496 - 1550). 1552 - يىلى مېتز (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان)دا مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ نى مەغلۇپ قىلغان. 1558 - يىلى ئەنگليىلىكلەرنىڭ قولىدىن كالائىس پورتىنى تارتىۋېلىپ،ئاخىر ئەنگلىيەنىڭ كۈچلىرىنى فرانسىيە ۋە ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن قوغلاپ چىقارغان.فرانسيە كورۇلى فرانسىس Ⅱ تەختكە ئولتۇرغان مەزگىللىرى (1559 - 1560) ئىنىسى، يەنى لورراننىڭ قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپى چارلېس بىلەن ھاكىمىيەت سورىغان. 1560 - يىلى خوگېنوتىس مەزھىپىنىڭ ئانبوۋاز سۈيقەستىنى بىتچىت قىلغان. 1562 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قوشۇن باشلاپ ۋاسسې بازىرىدا (ھازىرقى كالۋادوس ئۆلكىسىدە)خوگېتوتىس مۇرىتلىرىغائۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، 200 دىن ئوشۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىدار قىلغان، بۇ ۋەقە خوگېنوس ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.