Chinese→Uyghur主要词典
法德宣言
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - گېرمانىيە خىتابنامىسى
فرانسىيە دالادېر ھۆكۈمىتى بىلەن فاشىستلار گېرمانىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق خىتابنامىسى. 1938 - يىل 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پارىژدا ئىمزالانغان. خىتابنامىدە، ئىككى دۆلەت <تىنچلىق ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ>، <ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى چېگرىسى يەنىلا بەلگىلەنگەن چېگرا> ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتكە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، دېيىلگەن. بۇ <ئەنگلىيە - گېرمانىيە خىتابنامىسى>نىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئىمزالانغان. 1940 - يىلى 5 - ئايدا گېرمانىيە خىتابنامىگە ئاسىيلىق قىلىپ، فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلغان