Chinese→Uyghur主要词典
法德合作条约
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە - گېرمانىيە ھەمكارلىق شەرتنامىسى
فرانسىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيىسى ئىمزالىغان شەرتنامە. 1963 - يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى فرانسىيە زۇڭتۇڭى دېگولل بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ باش مىنىستىرى ئادېنائۇئىر پارىژدا ئىمزالىغان شەرتنامىدە: دىپلوماتىيە ئىشلىرى، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتلەردە بىردەك بولۇشقا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە باش شتاب باشلىقلىرى قەرەللىك ھالدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش؛ ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ستراتىگىيە ۋە تاكتىكا تۈزۈپ چىقىش، ئورتاق ھالدا قورال - ياراق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش بەلگىلەنگەن. مەزكۇر شەرتنامە فرانسىيە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى بېكىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كاپىتالىزم دۇنياسى ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنىنى كۈچەيتكەن.