Uyghur主要词典
ئاق قۇ كۆلى
ئۇسسۇل
بالېت تىياتىرى «ئاق قۇ كۆلى»1877 - يىلى موسكۋادا تۇنجى قېتىم ئوينالغاندىن ھازىرغا قەدەر100 يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتتى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولماقتا، بالېت دېسە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا »ئاق قۇ كۆلى« پەيدا بولىدىغان ھالەت شەكىللەنمەكتە.
«ئاق قۇ كۆلى» نىڭ ۋەقەلىكى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر چۆچىكىدىن ئېلىنغان، مۇزىكىسىنى چايكوۋسكىي ئىشلىگەن. تىياتىرنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: گۈزەل مەلىكە ئوۋېتا ئورمانلىقتىكى كۆل بويىدا سەيلە قىلىپ يۈرىدۇ. قارا قۇشقا ئۆزگىرىۋالغان ئالۋاستى لوقبارت جادۇ ئىشلىتىپ، ئۇنى ئاق قۇغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. خانىش شاھزادە سىگفريېدنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى تەبرىكلەش كۈنىدە كېلىن تاللاش يۈزىسىدىن ئۇسسۇل سورۇنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. قاپاقلىرى تۈرۈلگەن شاھزادە باتنىغىنىچە ئولتۇرىدۇ. توساتتىن ئاسماندا بىر توپ ئاق قۇ ئۇچۇپ ئۆتىدۇ. شاھزادە ئوقياسىنى ئالىدۇ - دە، ئۇلارنى قوغلىغىنىچە كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ بېشىغا تاج قادالغان بىر ئاق قۇنى كۆزلەپ ئوق ئۈزمەكچى بولىدۇ. ئوۋېتا ئالدىرىماستىن قانات - قۇيرۇقلىرىنى تۈزەپ شاھزادىگە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئىسكىرىپكا بىلەن چېلونىڭ قوش ئاۋاز بىلەن ئورۇندىشىدا مۇڭلۇق كۈي ياڭرايدۇ، ئوۋېتا بىلەن شاھزادە لەرزان ئىككى كىشىلىك ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. شاھزادە مەلىكىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلايدۇ ھەمدە پاك مۇھەببەت ئارقىلىق جادۇ ئۈستىدىن غالىب كېلىش، مەلىكىنى ئادەم قىياپىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا قەسەمياد قىلىدۇ.
كېلىن تاللاش سورۇنىدا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۇسسۇللىرىنى ئوينايدۇ. ئالۋاستى شاھزادە بىلەن ئوۋېتانىڭ ۋەدىسىنى بۇزۇش مەقسىتىدە ئۆز قىزىنى قارا قۇ قىلىپ ياسايدۇ ۋە ئۇنى مەلىكە قىياپىتىگە كەلتۈرۈپ ئوردىغا كىرگۈزىدۇ. قارا قۇ نازلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بىلەن شاھزادىنى جەلپ قىلماقچى بولىدۇ. ئىككىيلەن مەشھۇر قارا قۇ ئىككى كىشىلىك ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ. ئالۋاستى شاھزادىنى قىلتاققا دەسسىدى، دەپ زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلىدۇ. شۇ ئەسنادا ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ، ئوۋېتا پەرىشان ھالدا دېرىزىدىن ئۇچۇپ كىرىدۇ. شاھزادە ئالدانغانلىقىنى سېزىدۇ ۋە ئالۋاستى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. ناھايەت، پاك مۇھەببەت رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، ئالۋاستى جەھەننەمگە سەپەر قىلىدۇ، مەلىكە ۋە ئاق قۇغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن قىزلار ئادەم قىياپىتىگە قايتىدۇ، ئۇلار شاھزادە بىلەن بىللە شاد - خۇرام ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، بەختىيار يېڭى ھاياتقا قۇچاق ئاچىدۇ.