Uyghur主要词典
ئاق قۇ
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دۆلىتىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ بايىنبۇلاق دېگەن يېرىدە ئۇزۇنلۇقى30 كىلومېتىر، كەڭلىكى10 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كۆل بار بولۇپ، دائىم نۇرغۇن ئاق قۇ توپلىشىپ ياشايدۇ، شۇڭا ئۇ »ئاق قۇ كۆلى« دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئاق قۇ بۇ يەرگە يىل بويى ماكانلاشماي، پەسىل خاراكتېرلىك كۆچۈپ تۇرىدۇ.
ھەر يىلى كۈزدە ئاق قۇلار كوللېكتىپ پەي ئالماشتۇرۇپ جەنۇبقا كۆچۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ. يېڭى پەيلىرى قىش پەسلى كېلىشتىن بۇرۇن تامامەن ئالمىشىپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاق قۇلار بالىلىرىنى باشلاپ، كىچىك توپ بولۇپ » − « شەكىلدە ياكى »人« شەكىلدە سەپ بولۇپ تىزىلىپ، قاناتلىرىنى قېقىپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىمىغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا بېرىپ قىشلايدۇ. سەپەر ئۈستىدىكى دەم ئېلىش ياكى تۈنەشتە ھامان1 -2 ئاق قۇ بوينىنى ئۇزۇن سوزۇپ قاراۋۇللۇق قىلىدۇ.
قۇشلارنىڭ كۆچۈش ۋاقتىدىكى ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئادەتتە ئادەمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئاق قۇ ھىمالايا تېغىنىڭ چومولاڭما چوققىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئېگىزلىكى9000 مېتىرغا يەتكەن. ئىككىنچى يىلى باھاردا ئاق قۇلار جەنۇبنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپ - توپ بولۇپ شىمالغا قاراپ ئۇچۇپ، كۆپىيىدىغان يۇرتىغا كېلىپ، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ.
ئاق قۇ چوڭ تىپتىكى سۇ قۇشى، كۆللەرنىڭ سازلىق ئورۇنلىرىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىككى پۇتى توم، قىسقا، بارماقلىرى ئارىلىقىدا ئۈزگۈچى پەردىسى بولىدۇ. بوينى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تەڭشىلىدۇ. پۈتۈن تېنى ئاق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، بوينىنى سوزۇپ سۇ ئۈزگەندە بوينى تېنى بىلەن تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ، كۆرۈنۈشىدىن بىغەم ۋە ئەركىن - ئازادىلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
ئاق قۇنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۈچ تۈرى بار. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى چوڭ ئاق قۇ بولۇپ، تېنى بىرقەدەر چوڭ؛ يەنە كىچىك ئاق قۇمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ تېنى چوڭ ئاق قۇدىن سەل كىچىك؛ سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇنىڭ پېشانىسىدە قارا سۆگەل ئۆسۈمتىسى بولىدۇ، ئەركىكىنىڭ سۆگەل ئۆسۈمتىسى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ، چىشىسىنىڭ ئانچە تەرەققىي قىلمايدۇ، بوينى ئېگىلگەندە S شەكىلنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئاق قۇنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتتا تۇراقلىق ئۇۋىسى بولمايدۇ. كۆپىنچە، كۆلنىڭ بىخەتەر جايىنى تاللاپ، بوينىنى ئېگىپ، بېشىنى قانىتى ئىچىگە تىقىۋېلىپ، سۇ ئېقىمى بويىچە لەيلەپ ئۇخلايدۇ. ئاق قۇ ئاساسەن سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ غول، يوپۇرماق، مېۋىلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ. ئارىلاپ بەزى سۇ ھاشاراتلىرى ۋە يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىمۇ يەيدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدە چىشى ئاق قۇ تۇخۇم باسۇرىدۇ، ئەركەك ئاق قۇ قاراۋۇللۇق قىلىدۇ. بالىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ سۇغا چۈشۈپ سۇ ئۈزىدۇ، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، خەتەرگە يولۇقسا ئاتا - ئانىسىنىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋالىدۇ. ئاق قۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بۇنداق ئىناق - ئېجىل بولۇشى تاكى قىشلايدىغان رايونغا بارغىچە داۋاملىشىدۇ.