Uyghur主要词典
خاڭجۇ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
خاڭجۇ جېجياڭ ئۆلكىسى چيەنتاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، شىخۇ كۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان؛ بەش دەۋردىكى ۋۇيۆ پادىشاھلىقى ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ يەرنى220 نەچچە يىل پايتەخت قىلغان. ۋۇيۆ پادىشاھلىقى شىفۇ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى لىنئەن دەپ ئاتىغان. جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى150 نەچچە يىل پايتەخت قىلغان، بۇ مەزگىلدە كۆچمەنلەر كۆپلەپ كۆچۈپ كېلىپ، شەھەر ئاۋاتلىشىپ، ئەينى چاغدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان؛ ماركوپولو تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئەرش شەھىرى» دەپ ئاتالغان. ئاساسلىق مەشھۇر يادىكارلىقلاردىن: سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى، لىڭيىن ئىبادەتخانىسى، فېيلەيفېڭ ھەيكىلى، يۆۋاڭ ئىبادەتخانىسى، يۆ فېي قەبرىسى، ليۇخې مۇنارى، باۋشۇ مۇنارى، يەنشيا غارى، جىڭسى ئىبادەتخانىسى، ۋېنلەن راۋىقى، شىلىڭ باسمىخانىسى قاتارلىقلار بار. شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۇ يەردە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق10 مەنزىرىلىك جاي بار، بۇلار: سۇتىدا سەھەر، پىڭفۇدىكى ئايدىڭ كېچە، خۇاگاڭدا بېلىق تاماشا قىلىش، مەجنۇن تاللىقتىكى تورغاي كۈيى، بۇلۇتقا تاقاشقان قوش چوققا، ئۈچ كۆلچەكتىكى ئاي شولىسى، لېيفېڭ مۇنارىدا شەپەقتىن ھۇزۇرلىنىش، نەنپىڭدا كەچلىك ئۇچرىشىش، ئەلنەغمىگە نىدا نېلۇپەر، ئۈزۈلگەن كۆۋرۈكتىكى قالدۇق قار.1985 - يىلى شىخۇ كۆلىگە يەنە يېڭىدىن10 مەنزىرە قوشۇلدى، بۇلار: يولۋاس چۈشىدىكى بۇلاق، لۇڭجىن چېيىدىن ھۇزۇر، بامبۇكلۇقنى قاپلىغان بۇلۇت، ھەممە جاينى قاپلىغان گۈيخۇا گۈلى، توققۇز ئېرىق بويىدىكى كوتىنوس چاتقىلى، ۋۇشەن تېغىدىكى ئەرش بۇلۇتلىرى، ئاسمان ئىلاھىي ئوردىسىدىكى بۇلۇت، ئۈنچە - مەرۋايىت جىلۋىسى، رۇەندۈن ئەتراپىدىكى يېشىللىق، سېرىق ئەجدىھا ئاغزىدىكى يېشىل قاشتاش