Uyghur主要词典
خاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كۆمۈر كانى.
خاڭ ئاچماق.* ئاكام خاڭدا ئىشلەيدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يەرنى، ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى چېڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان: قاڭ. تاش خاڭ، ياغاچ خاڭ، تۆمۈر خاڭ.* خاڭلىماق، خاڭ سوقماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆمۈر ئېلىنىدىغان يەر، مەيدان.
خاڭدا ئىشلەپ خارلانغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز ۋاقتىدا زۇلۇمغا چىدىماي قولىغا قورال ئالغانىدى. ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئىكەن. شاختىدا ئىشلىگەنلەرگە قوشۇمچە ھەق بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
كۆمۈر قېزىلىدىغان، كۆمۈر قېزىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئورۇن؛ كان.
خاڭ ئاچماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇلنى چىڭداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سايمان. ئۇنىڭ ياغاچ خاڭ، تاش خاڭ، تۆمۈر خاڭ قاتارلىق تۈرلىرى بار.
خاڭ سوقماق.