English→Uyghur主要词典
American Negroes
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئامېرىكا نېگىرلىرى
ئامېرىكا نېگىرلىرى <ئافرىقىلىقلار نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ⅩⅥ - ⅪⅩ ئەسىرگىچە بولغان ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ئافرىقا قىتئەسىدىن بۇلاپ - تالاپ ۋە سېتىۋېلىپ ئامېرىكىغا ئاپېرىپ سېتىۋەتكەن نېگىر قۇللارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئاساسەن ئامېرىكا (26 مىليون)، برازىلىيە (14 مىليون) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ھايتى، يامايكا، كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرى، ئوتتۇرا ئامېرىكا دېڭىز بويلىرى ۋە كولومبىيە بىلەن ۋېنسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 50 مىليوندىن كۆپرەك.
ئامېرىكا نېگىزلىرى نېگىر ئىرقىغا كىرىدۇ. ئۇلار قايسى دۆلەتكە تەۋە بولسا، شۇ دۆلەتنىڭ تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئامېرىكا نېگىرلىرى خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزم ياكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاز قىسمى يەھۇدى دىنى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمى نېگىرلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر ئارىلاشما قانلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت، ئەدەبىيات - سەنئەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدۇ.
ئامېرىكا نېگىرلىرى ئافرىقا قىتئەسىدىن ئامېرىكىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنى ئېچىش ۋە ئامېرىكىنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن مول ماددىي مەدەنىيەت يارىتىپلا قالماي، بەلكى پارلاق مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، غەرب مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيتقان.