English→Uyghur主要词典
Negroes
دۇنيادىكى مىللەتلەر
نېگىرلار
نېگىرلار <قارا تەنلىكلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 269 مىليون 620 مىڭ بولۇپ، بۇ نېگىرلارنىڭ تەخمىنەن 214 مىليونى ئافرىقىغا ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار دۇنيادىكى نېگىرلارنىڭ 86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى لاتىن ئامېرىكىسى (24 مىليون)، ئامېرىكا (تەخمىنەن 28 مىليون)، كانادا (تەخمىنەن 320 مىڭ) ۋە ياۋروپا (تەخمىنەن 120 مىڭ) قاتارلىق جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئافرىقا نېگىرلىرى ئافرىقىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقا ئاھالىسىنىڭ 56 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى 36 دۆلەت ۋە رايوندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئافرىقا نېگىرلىرى بىر نەچچە چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھىغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى ئانچە ئوخشاشمايدۇ.
نېگىرلارنىڭ كۆپىنچىسى نېگىر - كوردوفان ۋە نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ، بىر قىسمى سام - ھام تىللىرى سستېمىسىغا تەۋە بولغان تىللارنى قوللىنىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ.
نېگىرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادى - ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، بىراق ھازىر غەربىي ئافرىقا، شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى نېگىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
نېگىرلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جايلاشقان رايونىغا قاراپ ئاساسەن سۇدان نېگىرلىرى بىلەن بانتۇ نېگىرلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەتلەر گۇرۇھىغا بۆلۈنىدۇ، ئامېرىكا قتئەسىدىكى نېگىرلار ئادەتتە <ئامېرىكا نېگىرلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
(<سۇدان نېگىرلىرى>، <بانتۇ نېگىرلىرى>، <ئامېرىكا نېگىرلىرى> غا قاراڭ).