Uyghur主要词典
كلافام
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1946) ئەنگلىيەلىك ئىقتىسادشۇناس ۋە تارىخشۇناس. كىمبرىج ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي پروفېسسورى، كىمبرىج ئۇنىۋېرسىتىتى خانلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىقتىساد تارىخى ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، برىتانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە كىمبرىج ئۇنىۋېرسىتىتى ئىقتىساد تارىخى ژورنىلىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۈسىتگە ئالغان. ئەنگلىيەنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمىنى بېزەپ كۆرسىتىپ، ئەنگلىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىنىپىي زىددىيەت ۋە سىنىپىي كۈرەشنى ئىنكار قىلغان. ئەنگلىيەدە سانائەت ئىنقىلابى يۈز بەرمىدى ۋەھاكازا دەپ قارىسىغا ھۆكۈم چىقارغان. ئۇنىڭ: <ئەنگلىيە ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تارىخى>، <1851 - 1914 - فرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىگىلىك تەرەققىياتى>، <ئىقتىساد، تارىخ تەتقىقاتى>، <ئەنگلىيە بانكىسى تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.