Uyghur主要词典
كلارك
دۇنيا تارىخى
(1) فرانك ۋىگلېسۋورت كلارك (1847 - 1931). ئامېرىكىلىق گېئوخىمىيە ئالىمى. گېئوخىمىيىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. بوستوندا تۇغۇلغان. 1867 - يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. 1869 - يىلى كوننېل ئۇنىۋېرسىتىتدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1874 - 1883 - يىللىرى سىنىسننات ئۇنىۋېرسىتىتدا خىمىيە پروفېسسورى بولغان. 1883 - 1924 - يىللىرى ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىنىستىتۇتىدا خىمىيە باش ئىنژېنىرى بولغان. ئۇ تۇنجى قېتىم مىنىراللارنى تەھلىل قىلىشنىڭ يېڭى تېخنىكىسىغا دائىر ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ھەرخىل تاغ جىنىسلىرى، رۇدا، تەبىئىي سۇ ئۈستىدە زور كۈچ بىلەن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرى 1889 - يىلى ھەرخىل ئېلىمېنتلارنىڭ يەر پوستىدىكى ئېغىرلىق پىرسەنت جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان. گېئولوگىيە ئىلمى ساھەسىدىكىلەر شۇ سەۋەپتىن ھەربىر ئېلىمىنتنىڭ يەر پوستىدا تۇتقان ئوتتۇرىچە قىممىتىنى <كلارك قىممىتى> دەپ ئاتىغان. ئورگانىڭ خىمىيە ۋە ئاتوم ئېغىرلىقىنى ھېسابلاش ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، خەلقئارا ئاتوم ئېغىرلىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ <گېئو خىمىيە ماتېرىياللىرى>، <مەڭگۈلۈك تەبىئەت> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) جون باتىس كلارك (1847 - 1938). ئامېرىكىلىق بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناس. رود ئايلېند شتاتىدا تۇغۇلغان. برون ئۇنىۋېرسىتىتى، ئامېرىسىنت ئىنىستىتۇتى، ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىقتىسادشۇناسلىق بىلەن تارىخشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن. 1877 - 1892 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كالتون، سىمېس، ئامېرىستېت ئىنىستىتۇتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1893 - 1895 - يىللىرى ئامېرىكا ئىقتىساد ئىلمى جەمئىيىتىنڭ باشلىقى بولغان. 1895 - 1923 - يىللىرى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد ئىلمى پروفېسسورى بولغان. 8951 - 1911 - يىللىرى، <سىياسىي - ئىقتىساد ئىلمىي پەسىللىك ژورنىلى> نىڭ تەھرىرى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيىسى ئىش ھەققىنىڭ چەكلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى تەلىماتى بولۇپ، بۇ تەلىماتى ئاقىلىق كاپىتالىزم تۈزۈمى ئاستىدىكى كىرىمنىڭ تەقسىم قىلىنىش خىزمىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ يەنە ئىقتىساد ساھەسىدە جىمجىت ۋە ھەرىكەتچان ھالەتتىن ئىبارەت ئىكى خىل رول مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ پايدا بولسا ھەرىكەتچان ھالەت يەنى تەرەققى قىلىۋاتقان ئىگىلىك داۋامىدا بالىققا كېلىدۇ، كاپىتالىستىنىڭ يېڭى تېخنىكىنى قوللانغانلىقىنىڭ ھەققى دەپ ھېسابلاپ، يۇقىرى مىقداردىكى مونوپول پايدا ئۈچۈن يان باسقان. ئۇ، ئامېرىكا يېڭى كلاسسىك ئىلمىي ئېقىمى ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ رەھبىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق <بايلىق پەلسەپىسى>، <بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى>، < ئىقتىسادشۇناسلىق پروگراممىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
گىئولوگىيە
خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ يەر پوستىدىكى ئوتتۇرىچە مىقدارى، يەنى يەر پوستىدىكى ئېلېمېنتلارنىڭ تارىلىشى.