English→Uyghur主要词典
Bulgarians
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بۇلغارلار
بۇلغارلار بۇلغارىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 7.93 پىرسەنتى بۇلغارىيىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 7 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 88 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (365 مىڭ)، گرېتسىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر مىليوندىن كۆپرەك بۇلغار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون 230 مىڭدىن كۆپرەك.
بۇلغارلار موڭغۇل ئىرقى تەركىبى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقىنىڭ دىنارىك (بالقان) تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بۇلغار تىلىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
بۇلغارلارنىڭ كۆپى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بۇلغارلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتىدە ماشىنسازلىق، خىمىيە، ئېلىكترون، مېتاللورگىيە، توقۇمچىلىق ۋە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىقتا، بۇغداي، تاماكا، كۆممىقوناق، قىزىلچا، ئاپتاپپەرەس ۋە مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ.
بۇلغارلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەر سىستېمىسىغا تەۋە بۇلغارلار بىلەن سىلاۋيان قەبىلىلىرى ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىللىرى ھازىرقى بۇلغارىيىنى فراكىيىلىكلەر ماكان قىلغان، مىلادى Ⅱ ئەسىردە قەدىمكى بۇلغار قەبىلىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن، Ⅳ ئەسىردە قەدىمكى ھۇنلار يېتىپ كەلگەن، Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە سىلاۋيانلارمۇ يېتىپ كەلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋېنگىرىيە، جەنۇبىي روسىيە، كاۋكاز دالىلىرىدىن قەدىمكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بۇلغارلارنىڭ يەنە بىر قىسىم قەبىلىلىرى كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار يەرلىك سىلاۋيانلارنى بويسۇندۇرۇپ، 681 - يىلى تۇنجى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. بۇ، بۇلغارلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.
بۇلغارلار بولكا بىلەن ئۇن غىزاسىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قوشۇمچە قىلىدۇ، شۇڭا بۇلغارلار بولكىنى مۇقەددەس بىلىدۇ.
بۇلغارلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق كېلىدۇ، جەنۇبىدىكىلىرى سېرىق، يېشىل رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەرنى ياقتۇرىدۇ، بەزى جايدىكىلىرى ئاق، قىزىل رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەرنى ياقتۇرىدۇ. ئاياللىرى مېدالىيون،مارجان قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ.
بۇلغارلار توي - تۆكۈن ئۆرپ - ئادەتلىرىدە، ھەم سىلاۋيانلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قالغان، ھەم بالقان مىللەتلىرى بىلەن شەرق مىللەتلىرىنىڭ بەزى ئادەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان.
بۇلغارلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، يىگىت - قىزلىرىنىڭ مۇھەببەت ئەركىنلىكىگە يول قويۇلىدۇ، توي رەسمىيەتلىرىمۇ ئاددىي بولىدۇ، توي مەرىكىسىدە يىگىت - قىز ئۆزئارا ئۈزۈك ئالماشتۇرىدۇ، يىگىت قارا رەڭلىك كاستيۇم - بۇرۇلكا كېيىپ ئاق گۈل تاقايدۇ، قىز ئۇزۇن، كۆپ پۈرمىلىك ئاق تويلۇق كۆڭلەك كېيىدۇ.
بۇلغارلار مېيتنى ساندۇققا سېلىپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ.
بۇلغارلارنىڭ مىللىي ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ. بۇلغارلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى، يېڭى يىل (1 - يانۋار) بايرىمى، ئەتىرگۈل بايرىمى (7 - ئىيون ئۆتكۈزىلىدۇ)، كىندىك ئانىسى بايرىمى، ئۈزۈمچىلىك بايرىمى (14 - فېۋرال)، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، مارت گۈل بايرىمى، پاسخا بايرىمى، گىئورگې بايرىمى (23 - ئاپرىل) ۋە پىر - پىتېر بايرىمى (12 - ئىيۇل)، بۈۋىمەريەم ئانا بايرىمى، بولكا بايرىمى، ياشلار بايرىمى قاتارلىق ئون نەچچىلىگەن دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
بۇلغارلاردا يېڭى يىل كۈنى چۈشكۈرۈپ بەخت تىلەش ئادىتى بار. ئۇلار يېڭى يىل ھارپا ئاخشىمى سائەت دەل 12 گە جاڭ ئۇرغاندا ئۈچ مىنۇت چىراغ ئۆچۈرۈپ، ياندۇرۇپ يېڭى يىللىق غىزاغا ئولتۇرغاندا، ئارىدىن بىرەيلەن چۈشكۈرۈپ قالسا، ئۇ پۈتۈن ئائىلىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قاراپ، شۇ كىشىگە پاقلان، تورپاق ياكى قۇلۇن ھەدىيە قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يېڭى يىللىق تورت ئىچىگە تەڭگە، گۈل بەرگىسى قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەرنى سېلىپ قويىدۇ، ئارىدىن كىم يېگەندە تورتنىڭ ئىچىدىن تەڭگە چىقسا ئۇنى يېڭى بىر يىلدا باي بولىدۇ، گۈل بەرگىسى چىقسا بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ دەپ قارايدۇ. <مارت گۈلى> بايرىمى ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شەھەر، يېزا - قىشلاقلىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇلغارلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىدىن بىرى.
بۇلغارلار ئۈزۈم ۋە مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىش بىلەن دۇنياغا داڭلىق.
بۇلغارلار سىپايە، ئەدەپلىك كېلىدۇ، تونۇش - بىلىشلىرىگە بېشىنى لىڭشىتىپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، ئەرلەرنىڭ مال - مۈلكى، نام - ئاتىقىنى، ئاياللارنىڭ ياش - قورامى، توي قىلغان - قىلمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ.
ياشانغانلار، مويسىپتلارغا ئالاھىدە ھۈرمەت قىلىدۇ، غىزا ۋاقتىدا ئائىلىنىڭ چوڭىسىز تاماققا ئولتۇرمايدۇ.
بۇلغارلار مېھماندوسىت كېلىدۇ، ئۆيىگە كەلگەن مېھماننى ھەرگىز غېرىبسىندۇرمايدۇ، سەممىي، قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.
بۇلغارلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىز تۇتىدىغان نەرسىلىرى بىر قەدەر كۆپ، بۇلغارلار ئېغىر ئاياغ ئاياللارنى ئارغامچىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ، بوسۇغىدا ئولتۇرغۇزمايدۇ، ئۇزۇن مويلۇق ھايۋانلارنى تەپكۈزمەيدۇ، بېلىق يېگۈزمەيدۇ، جەسەتنىڭ ئۈستىدىن مۈشۈك، توخو ئۆتكۈزمەيدۇ، يەرلىكنى ئادەم جان ئۈزگەن شۇ كۈنىلا قازىدۇ، بۇرۇن قازمايدۇ، يىگىت - قىزلىرى كۈزلۈك يىغىمدىن بۇرۇن توي قىلمايدۇ.
بۇلغارلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى، فامىلە (بوۋىسىنىڭ ئىسمى) دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. بىراق، ئادەتتە پەقەت ئىسىم - فامىلىسىنىلا قوللىنىدۇ.
بۇلغارلاردا قىزلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە ئېرىنىڭ فامىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ.
بۇلغارلاردا ئاتا - بوۋىسىنىڭ ئىسمىنى بالىلىرىغا قويۇش ئەنئەنىسى بار. ئۇلاردا ئىسىم مۇئەييەن مەنە بېرىدۇ. مەسىلەن: ئاسپېرۇخ (ئاق ئات)، دامىيان (غالىب)، دىمېتر (باياشات ماكان)، ئېۋان (ئاللانىڭ ئەمرى) ۋە باشقىلار.