English→Uyghur主要词典
Bulgaria
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
The Republic of Bulgaria
بۇلغارىيە
بۇلغارلارنىڭ نامىدا ئاتالغان
شەرقىي جەنۇبى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، قارا دېڭىزنىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 110 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربتىن شەرققە ئۇزۇنلۇقى 520 كىلومېتر، شىمالدىن جەنۇبقا 330 كىلومېتر كېلىدۇ. تاغلىقنڭ شىمالىنى كەڭ كەتكەن دوناي دەريا بويى تۈزلەڭلىكلىرى، جەنۇبىنى رودوپ تاغلىقلىرى بىلەن مارىتسا دەريا ۋادىسى پەسلىكلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بالقان تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز موسالا چوققىسى 2925 مېتر كېلىدۇ. بالقان تېغىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك ئىقلىمىغا، جەنۇبىي يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ. قىشللىقى يىللىق بولىدۇ، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 10℃، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 700 مىللىمېتر بولۇپ، دۆلەتنىڭ 30% يېرىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇلغارىيىنىڭ ئاھالىسى 8 مىليون 972 مىڭدىن ئوشۇق (1984)، بۇنىڭ ئىچىدە بۇلغارلار 86%، تۈركلەر 9% نى ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ماكېدون، سىگان، رۇمېن، يەھۇدى، ئەرمەن، رۇس، تاتار، گرېك قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى پرۋوسلاۋ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇلغار تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇلغارىيىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000 - يىللار ئەتراپىدا سىرسى خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كاۋكاز رايونىنىڭ غەربىدە ئولتۇراقلاشقان. تۈرك خەلقلىرى ئىچىدىكى بۇلغارلار ھازىرقى بۇلغارىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان (681 - يىلدىن 1018 - يىلغىچە)، بۇلغارلار يەرلىك خەلقلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئاساسىدا ھازىرقى بۇلغار خەلقلىرى مەيدانغا كەلگەن. بۇلغارىيە 1018 - يىلىدىن باشلاپ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان، 1187 - يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن تېرنوف پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. 1396 - يىلىدىن 1878 - يىلىغىچە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1878 - يىلى تۈركىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ بېقىندىسى بولغان، 1946 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇلغارىيىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى خېلىلا تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە ماشىنىسازلىق، مېتاللۇرگىيە، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، خىمىيە ۋە يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، تاماكا، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. بۇلغارىيە سەي، ھەرخىل مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈشتە داڭلىق بولۇپ، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى سەي، مېۋە - چىۋە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلغارىيە ئەتىرگۈل مېيى مەھسۇلاتى ۋە ئېكسپورتى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچلىقىدا كالا، چوشقا، قوي، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. بۇلغارىيىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىمۇ خىېلى تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك بۇلغارىيە خەلق ئىگىلىكىدە بارغانچە مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇلغارىيىنىڭ قاتناش ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە تۆمۈريول، تاشيولنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر دۆلەتتە بار تۆمۈريوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتردىن، تاشيوللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36 مىڭ كىلومېتردىن ئاشىدۇ. چەت ئەللەر ئارا بولغان سودىسىدا دېڭىز ترانسپورتىنى ئاساس قىلىدۇ. دېڭىز ترانپسورتىدا ۋارنا، بۇرگاس پورتلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇلغارىيىنىڭ تولۇق نامى <بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، شرقىي جەنۇبىي ياۋروپا بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن كەلگەن. بۇلغارلار يۇگوسلاۋىيىدىن كەلگەن قەبىلىلەر بىلەن قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىدىن كەلگەن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. مىلادى يەتتىنچى ئەسىردە يۇگوسلاۋىيىگە تەۋە بولغان بىر بۆلەك قەبىلە ئىتتىپاقى كىشىلىرى قارا دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا ماكانلىشىپ قالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇلار تېخى دۆلەت قۇرمىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر بۆلەك تۈركلەردىن بولغان بۇلغارلار قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا چۈشۈپ، دوناي دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بۈگۈنكى بۇلغارىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ، ئەينى چاغدا بۇ ئىككى مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋىزانتىيە ئىمپىرىيسىنىڭ شىمالىغا تەۋە بولۇپ، دئىم ۋىزانتىيە ئىمپىرىيسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرغان، ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى، بۇ ئىككى مىللەت كىشلىرىنىڭ بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاق ۋە تويلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قېنى ئارىلىشىپ، ئاخىرى بىر پۈتۈن بۇلغارىيىلىكلەر شەكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نامى ئېھتىمال تۈركچە bul سۆزىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن(مەنىسى <ئارىلاشماق>) ياكى تۈركچە mak - bulga تىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن (ئۇنىڭ مەنىسى <قارشى تۇرغۇچى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى>) بولۇپ، Bulgars نىڭ مەنىسىى <يۈز ئۆرىگۈچى>. 679 - يىلى بۇلغارلار يول باشچىسى ئاسبارۇخنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋىزانتىيە قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، 681 - يىلى ۋىزانتىيە پادىشاھى ئۇلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇلغارىيىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان. بۇ تارىختا بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقى دەپ ( 681 - 1018) ئاتالغان. بۇلغارىيە 400 يىلدىن ئارتۇق ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىشغالىدا تۇرۇپ، 1878 - يىلىدىكى تۈرك - رۇس ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن. بۇلغارلار دۆلەت ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت نامى <بۇلغارىيە> دەپ بېكىتىلگەن. 1946 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى <بۇلغارىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى> قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1990 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى دۆلەت <بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن.
بۇلغارىيىنىڭ يەر مەيدانى 111 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 8 مىليون 900 مىڭ. بۇلغارلار 78%نى، تۈركلەر 20%نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلغارلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، بۇلغار تىلىنى قوللىنىدۇ. پايتەختى سوفىيە، پۇل بىرلىكى لېۋ.
فراكىيىلىكلەر ئەڭ بۇرۇن بۇلغارىيە زېمىنىدا ياشىغان ئاھالىلەردۇر. 681 - يىلى قەدىمكى بۇلغارىيلىكلەر سلاۋيان قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، سلاۋيان - بۇلغارىيە پادىشاھلىقىنى، يەنى بۇلغارىيىنىڭ تۇنجى پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، بۇلغارىيىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچقان. 1018 - يىلى ۋىزانتىيە 1187 - يىلىغا قەدەر بۇلغارىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، بۇلغارىيىلىكلەر يەنە بىر قېتىم ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇمايلا يەنە تۈركىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1878 - يىلى تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، بۇلغارىيە يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاخىر قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ھەمدە ئاق، يېشىل، ۋە قىزىل ئۈچ توغرا بەلدەملىك دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ بايراققا بۇلغارىيىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە تارىخى ۋە ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر سڭدۈرۈلگەن. 1946 - يىلى بۇلغارىيە خانلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ جۇمھۇرىيەت قۇرغان ھەمدە دۆلەت بايرىقنىڭ سول ئۈستى بۇرجەككە بىر دۆلەت گېربىنى كىرگۈزۈپ، ئەسلىدىكى دۆلەت بايرىقى بىلەن پەرقلەندۈرگەن. قىزىل تىلىنى چىقىرىپ تۇرغان بىر ھەيۋەتلىك شىرنى دۆلەت گېربى قىلغان 14 - ئەسىردىن باشلاپ بۇ ئالتۇن شىر بۇلغارىيە دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ كەلگەن.
-1990 يىلى، بۇلغارىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت نايرىقىدىكى دۆلەت گېربىنىڭ رەسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى نۇسخىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت بايرىقىدىكى ئاق ۋە قىزىل رەڭ قەدىمكى بۇخېمىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى تۈسى بولۇپ، سلاۋيان مىللىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئاق رەڭ ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقنىڭ بەلگىسى بولغان، قىزىل رەڭ باتۇرلارنىڭ جاسارىتى بىلەن قېنىنى بىلدۈرگەن، يېشىل رەڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشتە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ يوشۇرۇلغان ئورنى - ئورمانلىقنى بىلدۈرۈپ، بۇلغارىيە خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىگە سىمۋول قىلىنغان.
ئۇنىۋېرسال
بۇلغارىيە