Uyghur主要词典
خاسىيەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەخسۇس سۈپەت، خۇسۇسىيەت:
ياخشى خىسلەت، پەزىلەت:
نەتىجە. تەسىر.
1. كى بۇ جايغە خاسىيەت بۇدۇرۇر،
زەۋايىرغە ھەم خەيرىيەت بۇدۇرۇ.
ئا. نىزارى.
2. ئۇشبۇ ئاندا مېۋەلەردىن ھەر بىرى تاپتى خەبەر،
ھەر بىرى ئۆز خاسىيەت ئەۋسافىدىن بەردى خەبەر.
ئابدۇ قادىر داموللا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆزىگە تېگىشلىك ھال، سۈپەت، خوسۇسىيەت، ئۆزگىچىلىك، ئالاھىدىلىك؛ تەسىر، ئۈنۈم: خاسىيەت بەرمەك - ئۈنۈم بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىجابىي خۇسۇسىيەت، خىسلەت، خاسلىق، ئالاھىدىلىك.
ئۇنىڭ گاھىدا يېقىملىق تەسىرات پەيدا قىلالايدىغان خاسىيەتكە ئىگە كۆزلىرى، ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچ بىلەن يالتىراپ تۇراتتى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەت، خاسلىق