Uyghur主要词典
خاسىڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر يىللىق، سامان غوللۇق، يوپۇرماقلىرى يەر ئۈستىدە بولىدىغان، سېرىق چېچەكلەيدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، تۇپراق ئاستىدا بولىدۇ.
« يەر ياڭىقى » ئاقسۇ شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
خاسىڭ يۈرەك كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. قورۇلغان خاسىڭنىڭ پوستىنى ئېلىۋەتمەي يېگەن ياخشى.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن پەقەت خاسىڭلا يەر ئۈستىدە چېچەكلەپ يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىسى تۇپراق ئاستىدىكى مۇھىتتىلا ئۆسىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى »يەر ياڭىقى« دەپمۇ ئاتايدۇ.
خاسىڭ ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تېرىلىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي خاسىڭ مەھسۇلاتىنىڭ3 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ.
خاسىڭ بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ. تارماق شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسكەن غۇنچىلىرى پەقەتلا ئېچىلىپ مېۋىلىمەيدىغان بولغاچقا، يېتىلمەس گۈل دېيىلىدۇ. تارماق شاخنىڭ تۈۋىدە ئۆسىدىغان يەنە بىر خىل گۈل بولۇپ، ئۇلار يېتىلىدىغان گۈل دېيىلىدۇ. بۇ خىل گۈللەر چاڭلىشىپ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقداننىڭ تۈۋى قىسمى ئۇزىراپ ئۆسۈشكە باشلاپ، ئۇچى قىسمى يىڭنىدەك قاتتىق بولغان ئۇرۇقدان سېپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن يەر يۈزىگە ساڭگىلاپ ئۆسۈپ ئۇرۇقداننى تۇپراق ئاستىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ -دە، شۇ جايدا مېۋە شەكىللەندۈرىدۇ.
خاسىڭنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە ۋە پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەردۇر.1492 - يىلى كولومبۇ يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ساياھەت سەپىرىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئافرىقىدىكى گۋىنىيىگە كەلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر ئۇنى ئاسىيا ۋە ياۋروپالارغا تارقاتقان. تەخمىنەن15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاندىن جۇڭگوغا تارقىلىپ كەلگەن. خاسىڭنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى50 ~ 58% كە، ئاقسىل مىقدارى 30% كە يېتىدۇ. خاسىڭ مېيىنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولۇپ، ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدە پۇرىقى ئەڭ ياخشى ماي ھېسابلىنىدۇ. خاسىڭ مېغىزىدىن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان كۆپ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ. خاسىڭنىڭ قىزغۇچ پوستى تەركىبىدە قان توختاتقۇچى ماددا بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن خائېموستات (شۆنىڭⅠ) ياساش ئارقىلىق قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
خاسىڭ نەم مۇھىتتا ساقلىنىپ قالسا ئۇنىڭدىن سېرىق ئاسپېرگىللۇس زەمبۇرۇغى ئۆسۈپ چىقىدۇ - دە، بۇ زەمبۇرۇغ ئاجرىتىپ چىقارغان ئافلاتوكسىن ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە راك پەيدا قىلىدۇ. ھىندىستان ئالىملىرى خاسىڭنى كۈن نۇرى ئاستىدا15 مىنۇت ئاپتاپقا سالغاندا خاسىڭ مېيى تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىننىڭ 99% ى بۇزۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
خاسىڭ يەر ئۈستىدە چېچەكلەپ، يەر ئاستىدا مېۋىلەيدىغان ئۆسۈملۈك. ئۇ ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى مايلىق دان زىرائىتى بولۇپ، تەركىبىدىكى ماينىڭ مىقدارى سېرىق پۇرچاقنىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى ھەمدە ئۇنى قۇرۇق مېۋە ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، چۈرۈك، خۇش پۇراق بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ.
خاسىڭنىڭ گۈلى يەر ئۈستىدە ئېچىلغانىكەن، مېۋىسى نېمە ئۈچۈن يەر ئاستىدا بولىدۇ؟ ئەسلىدە خاسىڭ چېچەكلىگەندىن كېيىن، چاڭلانغان ئۇرۇقدان تېزدىن ئۇزىراپ يىڭنىسىمان شەكىلگە كىرىدۇ، بۇ »مېۋە يىڭنىسى« دەپ ئاتىلىدۇ. چېچىكى تۆكۈلگەن ھامان مېۋە يىڭنىسى يەر ئاستىغا كىرىپ يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ. شۇڭا، »چېچىكى تۆكۈلگەن ھامان مېۋىلەيدۇ« دېيىلىدۇ.
خاسىڭ بوش قۇمساڭ تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ، ئادەتتە ئەتىيازدا تېرىلىپ كۈزدە يىغىۋېلىنىدۇ، كىشىلەر خاسىڭنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، پەرۋىش جەھەتتە بىر يۈرۈش مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، مەسىلەن، »مايسا ئولتۇرغۇزۇش«، »چوڭقۇر چاغلاش«، »توپا يۆلەش« قاتارلىقلار ئارقىلىق خاسىڭ مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8%.25 ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مول ھوسۇللۇق خاسىڭنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى400 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بىرلىك مەھسۇلاتى450 كىلوگراملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.
»مايسا ئولتۇرغۇزۇش« تەجرىبىسى خاسىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم پەرۋىش تەدبىرى. مايسا ئولتۇرغۇزۇشتا، خاسىڭ يۇمران مايسىسى2 −3 ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغاندىن كېيىن، خاسىڭنىڭ يىلتىز قىسمىدىكى توپىنى ئەتراپقا تارتىپ، خاسىڭنى بويىغا زورلاتماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. مايسا ئولتۇرغۇزۇلغاندىن كېيىنكى يۇمران مايسىنىڭ بوغۇم ئارىلىقى قىسقا، چېچەكلىشى بالدۇر، چېچىكى كۆپ بولىدۇ، چېچىكى توپىغا بالدۇر كىرىدۇ، مېۋىسى توق بولۇپ، »مايسا مۇقىملاشتۇرۇش« رولىنى ئوينايدۇ. مايسا ئولتۇرغۇزۇپ يېرىم ئايدا تۇنجى يان شېخىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بوغۇمىدىكى مېۋە يىڭنىسى توپىغا كىرىدۇ، ئىككىنچى بوغۇمدىكى مېۋە يىڭنىسى چىقىشىغىلا توپىسىنى چوڭقۇر چاغلاپ، توپا يۆلەش ئارقىلىق ئىككىنچى يان شاختىكى مېۋە يىڭنىسىنىڭ كۆپلەپ توپىغا كىرىپ مېۋىلىشىگە ياردەم بېرىلىدۇ.
خاسىڭنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە ۋە پېرۇ بولۇپ، تەخمىنەن2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. خاسىڭ مىلادىيە15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ياكى16 -ئەسىرنىڭ باشلىرى جەنۇبىي ئوكيان تاقىم ئاراللىرى ئارقىلىق ئېلىمىزگە كېلىپ »ماكانلاشقان«.
ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە خاسىڭ ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شەندۇڭنىڭ تومۇز خاسىڭى، جياڭسۇنىڭ رۇگاۋ خاسىڭى مەشھۇر ئەلا سورتلاردۇر. خەلقئارا بازاردا ئېلىمىزنىڭ خاسىڭى »جۇڭگونىڭ قاسىراقلىق مېۋىسى« دەپ ئاتىلىپ، ئىنتايىن يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە.
بىئولوگىيە
پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزىدا يىلتىز تۈگۈنىكى كۆپ بولىدۇ. غولى يەر باغىرلاپ، ياكى تىك ئۆسىدۇ، قىرى بولىدۇ، قوڭۇررەڭ ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۆت دانە، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، ئۇچى يۇمىلاق، تۈۋى قىسىمى تار بولۇپ، ئىككىلا يۈزىدە تۈكى بولمايدۇ@@@@@ تەگ يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇن يۇمشاق تۈكچىلەر شالاڭ ئۆسىدۇ. گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈل كاسىسى بىلەن گۈل تېگى بىرلىشىپ گۈل نەيچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، گۈل تېگى نەيچىسى گۈل سېپىسىمان بولىدۇ، گۈلى سېرىق بولۇپ، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقدان سېپى تېز ئۇزىراپ تۇپراققا تېشىپ كىرىدۇ، ئۇرۇقدان يېتىلىپ غوزەكسىمان قاسىراقلىق مېۋىنى ھاسىل قىلىدۇ. مېۋىسى چوڭ، توم بولۇپ، تورسىمان سىزىقچىلار بولىدۇ، تۇپراق ئىچىدە پىشىدۇ. ئۇرۇقى (خاسىڭ مېغىزى) ئۇزۇن يۇمىلاق، قىسقا يۇمىلاق، ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك، ئاچ قىزىل بولىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، قۇرغان ئورۇندا ئۆسىدۇ، سوغۇققا چىدامسىز، ئازراق ئىشقارلىق قۇمساڭ تۇپراققا ماس كېلىدۇ. ئەسلى ماكانى بىرازىيلىيە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدۇ. ئۇرۇقى ئوزۇقلۇق ماينىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ماي بولىدۇ، ئۇنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلسىمۇ بولىدۇ؛ مېۋە شاكلىدىن ئىسپىرت، فۇرفورال قاتارلىقلار ياسىلىدۇ، كۈنجۈرە، غول ۋە يوپۇرماقلىرى يەم - خەشەك قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
بوتانىكا
پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە مېغىزىدىن ياغ تارتىشقىمۇ بولىدۇ، يېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ مۇھىم مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى، يەر ياڭىقى.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.