Uyghur主要词典
كەتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر يەردى ئىككىنچى بىر يەرگە يۈرمەك.
قونمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان كېسەلنىڭ ئۆلگىنى. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىت جۆنەر، ھەقىقەت تۇرار. تۇرغانلار تۇرۇپ تۇرسۇن، ماڭغانلارنى يە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
(1) كەتمەك؛ بارماق (2) ئۇزارتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم ئورۇندىن باشقا ئورۇنغا قايتماق، بارماق.
- بۇ ئۆيدە ئولتۇرغانلار قەيەرگە كەتتى؟ - دەپ سوراپتۇ خەلپىتىم.
ماڭماق، يۈرمەك، يول باسماق.
تاغام قول سومكامنى كۆتۈرۈپ مەن بىلەن يانمۇيان كېتىۋاتاتتى.
بىرەر مەشغۇلات، خىزمەت ياكى ۋەزىپىنى تاشلىماق، تەرك ئەتمەك.
ئىشتىن كەتمەك. ئوقۇشتىن كەتمەك.
ئۆتمەك، تامام بولماق، تۈگىمەك، يوقالماق.
قىش كېتىپ، باھار كەلدى.
كۆچمە. قازا تاپماق، ئالەمدىن ئۆتمەك، ئۆلمەك.
ئەگەر ئۆمرۈڭنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدىغان بولساڭ، ئۆلسەڭمۇ ئارمانسىز كېتىسەن.
سەرپ بولماق، ئىشلىتىلمەك؛ لازىم بولماق، كېرەك بولماق:
بۇ خىلدىكى كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن.
ئۆيدە ئادەم جىق بولغاندىكىن، ئاش، نان جىق كېتىدۇ.
ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەك، سېتىلماق.
- ھېلىقى پاقلان بەك ئەرزان كېتىپتۇ - دە، - دېدى ئۇ ئەپسۇن بىلەن.
كېسىلمەك، ئۈزۈلمەك.
بالىلىرىم يېتىم قالدى، قىچقارسام ئۈنۈم يەتمەس. قورقماس غەيرىتىم باردۇر، ئول ئۈچۈن بېشىم كەتمەس.
مەھرۇم بولماق، ئايرىلماق.
ھالىدىن كەتكەن باقى ئارىسىنى قولتۇقلىغىنىچە بىر چەتتە ئۇخلىماقتا.
ئىشتىن چىقماق، ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى يوقاتماق؛ مەسىلە كۆرۈلمەك.
بەلدىن كەتمەك. كۆزدىن كەتمەك.
تارقىماق، يېرىپ يەتمەك، يېيىلماق (ئاۋاز، نام - شۆھرەت قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇنىڭ ھەسرەتلىك نالىسى كۆكنى يېرىپ، يىراق - يىراقلارغا كەتتى.
ھېسابىغا ئۆتمەك، ئۆتمەك.
- قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دەپتىكەن، بىزدىن تۇرپانلىق قېرىنداشلارغا كەتسە نېمە بوپتۇ؟ - دېدى ئەلى پالۋان.
پاتماق، چۆممەك، بەند بولماق، غەرق بولماق (ئۇيقۇ، خىيال قاتارلىقلار ھەققىدە).
ئۇيقۇغا كەتمەك. خىيالغا كەتمەك.
توختىماق، ئۈزۈلۈپ قالماق، قاچماق (توك ھەققىدە).
توك كەتتى.
كېڭىيىپ ئۇلغايماق، يامراپ كۆيمەك، ئالماق (ئوت ھەققىدە).
بالىلار <ئوت كەپتۇ، ئوت كېتىپتۇ!> دېيىشىپ يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.
چىقماق، ئاقماق (قان ھەققىدە).
ئاغزى - بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان كەتتى.
مەلۇم ئىسىملارغا ياندىشىپ كېلىپ شۇ ئىسىم ئۇقتۇرغان مەنىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، شۇنداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
دەز كەتمەك.
- تۇغان يار كەتتى، بۇياققا كېلىڭلار، تېز بولۇڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ تۆۋەندە ئېتىزلىرىنى ياقىلىشىۋاتقانلارغا قاراپ.
خاتالاشماق.
سۆزدىن كەتمەك. گەپتىن كەتمەك.
ئادەم تىلدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزدىن (ماقال).
داۋاملاشماق، داۋام ئەتمەك، بولماق.
تەرەپ - تەرەپتە بەزمە تەييارلىقى كېتىۋاتقان بولۇپ، خىلمۇخىل مېۋىلەر، تۈرلۈك لەززەتلىك تائاملار، قەنت - گېزەكلەر ھازىرلاپ قويۇلغانىدى.
سوزۇلماق.
مۇشۇنداق ماڭسىڭىز، شىمال تەرەپكە كەتكەن بىر كوچىغا بارىسىز.
ئىش - پائالىيەتنىڭ بىرەر يۆنىلىش بويىچە داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شاھزادە سەزمەي پاتمەك بىلەن ئۆي بولۇشۇپ كېتىۋېرىپتۇ.
پاتماق، سىغماق، مۇۋاپىق كەلمەك.
ئۇلارنىڭ داش قازىنغا 12 چېلەك سۇ كېتىدۇ. ئۇ قازان بىلەن ئاز بولغاندا 200 كىشىلىك مېھماننى ئۇزاتقىلى بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئۆتۈمسىز ۋە قىسمەن ئۆتۈملۈك پېئىللارنىڭ < - پ، - ىپ، -ۇپ، - ۈپ> رەۋىشداش شەكلى بىلەن تۈس رولىدا كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1( ھەرىكەتنىڭ ئۈزۈل - كېسىل پۈتۈشى، تاماملىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
قېچىپ كەتكەن چېچىپ كەتتى )ماقال(.
2) ھەرىكەتنىڭ تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇتلا جىددىي، كۈچلۈك ياكى يۇقىرى دەرىجىدە باشلىنىپ، شۇ تەرىقىدە داۋاملاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
باغلاقلىق قاۋان ئىت زەنجىرنى سىلكىپ قاۋاپ كەتتى.
ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
3( ھەرىكەتنى دەرىجە، قېتىم سانى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
بىلىمسىزگە ھال ئېيتقۇچە، ئىچىڭدە سېسىپ كەتسۇن )ماقال(.
<ئۇستام چاچ قۇرۇپلا كەتتىغۇ> دېگەندىن كېيىن، مەتنىياز يەنە ھۆللەپ ئۇۋۇلاشقا باشلايدۇ.
ئۇنىڭ كېسىلى يەنە ئېغىرلىشىپ كەتتى.
4) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ شۇ ھەرىكەتنى ئورۇندىيالايدىغانلىقىنى، ئورۇنداشقا قادىر ئىكەنلىكىنى ياكى شۇ ھەرىكەتنى ئورۇنداشقا قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ گەرچە يېڭى كەلگەن بولسىمۇ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ كەتتى.