Uyghur主要词典
ئوت كەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئوت تۇتىشىپ كۆيۈپ كەتمەك.
كۆچمە. تېمپېراتۇرا بەك ئۆرلەپ ئىسسىق بولۇپ كەتمەك، ھاۋا بەك قىزىپ كەتمەك.
- ھاۋا نېمىدىگەن ئىسسىق، ئوت كېتىپتۇ زادى، - دېدى ئەكبەر.
كۆچمە. بىرەر مالنىڭ بەك بازىرى چىقىپ كەتمەك، خېرىدارلار بەس - بەستە تالىشىپ سېتىۋالماق.
- مەن ئەكەلگەن قوغۇنلارغا ئوت كەتتى، دەڭا، كىرىپ يېرىم سائەتكە قالماي ھەممىنى سېتىپ بولدۇم، - دېدى ئۇ كېرىلىپ كۈلۈپ.
كۆچمە. نەرخ - ھاۋا بىردىنلا ئۆرلەپ كەتمەك.
يارەببىم، بۈگۈن بازارغا ئوت كېتىپتىغۇ، ئۆسۈپ كەتمىگەن ھېچنىمە قالماپتۇ.
كۆچمە. ئىشق - مۇھەببەت تەشنالىقى ئۆرلىمەك، ھەددىدىن ئارتۇق تەقەززا بولماق، ئىشتىياق قاتتىق ئۆرلىمەك.
كاككۇكلار كېلىپ قاپتۇ، ياپيېشىل تېرەكلەرگە. يارىمنى خىيال قىلسام، ئوت كەتتى يۈرەكلەرگە.