—参考资料
ئەجمەن باتۇر
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
بۇرۇن بىر پادىشاھنىڭ قىرىق ئوغلى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئەللىك ياشقا. كىچىگى ئوتتۇز ياشقا كىرگىچىلىك ئۆيلەنمەپتۇ. چۈنكى بۇ پادىشاھ >قىرىق قىزى بار پادىشاھنى تاپمىغۇچە ئوغۇللىرىمنى ئۆيلىمەيمەن< دەيدىكەن. ئاقىۋەت بۇ پادىشاھ قىرىق قىزى باھ بادىشاھ تېپىش ئۈچۈن يولغا چىقىپتۇ. بىر قانچە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن مەلۇم بىر شەھەرگە يېتىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھ ئوردىسىغا بېرىپتۇ. ئۇ قارىسا دەرۋازا ئالدىغا قىرىق ئاچقۇچ ئېسىقلىق تۇرغۇدەك. شۇڭا ئۇ >مۇشۇ پادىشاھ بىلەن بىر كۆرۈشەي< دەپ ئوردا ئىچىگە مېڭىپتىكەن، دەرۋازىۋەن كىرگۈزمەپتۇ. قىرىق ئوغۇللۇق پادىشاھ دەرۋازىۋەنگە مۇشۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. دەرۋازىۋەن ئوردىغا كىرىپ پادىشاھنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ چىقىپتۇ. قىرىق ئوغۇللۇق پادىشاھ ئوردىغا كىرىپ تېچ - ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كېلىش مەقسىدىنى ئېيتىپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىڭ قىرىق قىزى بار ئىكەن. شۇڭا بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ ئويلىغانلىرى بىر يەردىن چىقىپ توي ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپتۇ. قىرىق ئوغلى بار پادىشاھ توي تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىگە قايتىپ كېتىپتۇ. توي تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن بۇ پادىشاھ بىر ئوغلىنى شەھەرنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ قالغان ئوتتۇز توققۇز ئوغلىنى ئېلىپ قىزلارنىڭ شەھىرىگە راۋان بوپتۇ. قىرىق قىزلىق پادىشاھنىڭ شەھىرىگە كېلىپ قىرىق كېچە - كۈندۈز توي قىلىپتۇ. قىرىق قىزلىق پادىشاھ قارىسا ئۆزىنىڭ بىر قىزىغا لايىق كەملەپ قالغان، شۇكا ئۇ قىرىق ئوغۇللۇق پادىشاھدىن سوراپتۇ. قىرىق ئوغۇللۇق پادىشاھ:
- بىر ئوغلۇم شەھەرنى ساقلاشقا قالدى. ئۇنىڭ تويىنى شەھەرگە قايتقاندا قىلساق، - دەپتۇ.
قىرىق قىزلىق پادىشاھ بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپتۇ ۋە قىرىق ئوغۇللۇق پادىشاھ يولغا چىقىش ئالدىدا:"
- سىلەر يولدا ئوتى بىلەن سۈيى مول، مۇنبەت يايلاقتا قونۇپ قالماڭلار، - دەپتۇ.
قىرىق ئوغۇللۇق پادىشاھ خوشلىشىپ يولغا راۋان بولۇپتۇ. يولدا پادىشاھ ھەممىنىڭ كەينىدە مېڭىپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ. ئالدىدا ماڭغانلار مۇنبەت، سۈيى، ئوتى مول بىر يايلاققا چۈشۈپتۇ. پادىشاھ ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ ئامالسىزلىقتىن شۇ جايدا قۇنۇپ قاپتۇ. تەڭ كېچە بولغاندا پادىشاھنىڭ تۆپىسىگە يوغان بىر نەرسە چىقىۋاپتۇ. پادىشاھ چۆچۈپ ئويغىنىپ قارىسا يوغان بىر ئەجدىھار تورغۇدەك. ئەجدىھار:
- سەن مېنىڭ ئالىدىغان قىزىمنى ئۆز ئوغلۇڭغا ئېلىپ بېرىپسەن، سەن ئاشۇ ئوغلۇڭنى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىپ بېرىشكە ماقۇل كەلسەڭ ئاندىن ئۈستۈڭدىن چۈشۈمەن، - دەپتۇ.
پادىشاھ قورققىنىدىن دىر - دىر تىترەپ ئوغلىنى ئەۋەتىش توغرىسىدا قەسەم قىلىپ، تاڭ ئاتقاندا ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ ئۇ شەھەرگە كېلىپ ئوتتۇز توققۇز ئوغۇل - قىزىنى ئۆز ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپتۇ. ئەمما پادىشاھ شەھەرنى ساقلاش ئۈچۈن قالغان ئوغلىنىڭ نىكاھىنى ئوقۇتماپتۇ. بۇ ئوغۇلنىڭ ئىسمى ئەجمەن ئىكەن. ئۇ ئىشنىڭ تېگىنى ئاتىسىدىن سوراپتۇ. پادىشاھ يولدا بولغان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ ۋە:
- مەن سېنى شۇ يەرگە ئەۋەتمەكچى بولدۇم، - دەپتۇ.
ئەجمەن باتۇر يولغا چىقىپتۇ. ئۇ مېڭىپتۇ - مېڭىپتۇ. خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن ئالدىغا ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئۇچراپتۇ:
- ئەي ئوغلۇم نەگە ماڭدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ بوۋاي. ئەجمەن ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى ئېيتقاندىن كېيىن بوۋاي:
- ئەي ئوغلۇم سەن ناھايىتى خەتەرلىك يولغا مېڭىپسەن. ئازراق يول ماڭساڭ ئالدىڭغا ئۈچ ئاچا يول ئۇچرايدۇ. سەن قىلۋى تەرەپتىكى يول بىلەن ماڭ. ئاندىن ناھايىتى مۇنبەت ىر يايلاققا بارىسەن. بۇ يايلاقنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە بىر ھويلا بار. ئەجدىھار شۇ ھويلىدا - دەپتۇ - دە، كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
ئەجمەن يول يۈرۈپتۇ. ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپتۇ. ئۇ ھېلىقى يوغان ھويلىغا كىرىپ قارىسا يوغان بىر ئەجدىھا ئۇخلاۋاتقۇدەك. ئۇ دەرھال ئەجدىھارنىڭ ئۈستىگە چىقىرىۋاپتۇ ۋە:
- مەن دادامنىڭ ۋەدىسى بويىچە كەلدىم، - دەپتۇ. ئەجدىھار:
- ئۇنداق بولسا پىلىس شەھىرىنىڭ پادىشاھىنىڭ بىر قىزى بار. سەن ئاشۇ قىزنى ماڭا ئەكىلىپ بەرسەڭ سەن ئۆز شەھىرىڭگە بىمالال قايتىسەن، - دەپتۇ.
ئەجمەن پادىشاھىنىڭ دىگىنى بويىچە پىلىس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ يولدا كېتىۋاتسا بىر ئادەم ئۇچراپتۇ:
- سەن نىمە ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ. ئەجمەن:
- مېنىڭ ئىسمىم ئاقساق پولگان. بىرلا موللاق ئاتسام ئۈچ ئايلىق يولنى بىراقلا باسىمەن، - دەپتۇ ھېلىقى ئادەم. ئەجمەن >بۇ ماڭا ئەسقاتقۇدەك< دەپ ئۇنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋاپتۇ. يەنە بىر يەرگە كەلسە بىر ئادەم ئولتۇرغۇدەك:
- سەن نىمە ئادەم؟ - دەپ سوراپتۇ ئەجمەن.
- مەن مۇز تۈكۈرەر باتۇرمەن. مەن ھەر بىر تۈكۈرسەم تۈگمەن تېشىدەك مۇز پەيدا بولىدۇ، - دەپتۇ. ئەجمەن باتۇر ئۇنىمۇ ھەمرا قىلىۋاپتۇ. يەنە بىر يەرگە كەلسە ئىككى ئادەم ئۇچراپتۇ. ئۇلاردىنمۇ:
- سىلەر نىمە ئادەم؟ - دەپ سوراپتىكەن، بىرسى:
- مەن ئوق ئاتار پالگان، - دەپتۇ. يەنە بىرسى:
- مەن تىڭشاڭ باتۇر، - دەپتۇ.
ئەجمەن ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋاپتۇ شۇنداق قىلىپ بەش ئادەم پىلىس شەھىرىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ئەسكەرلەر تۇرىدىغان يەرگە چۈشۈپ ئاقساق پولگاننى ئەھۋال ئوقۇپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. ئاقساق پولگان بىر تاقلاپلا پادىشاھ ئوردىسىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ بىر ئامال قىلىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كىرپتۇ - دە:
- ئەي پادىشاھى ئالەم، مېنى ئەجمەن باتۇر >پادىشاھ قىزىنى بىزگە بېرەرمىكىن، ئۇنى ئوقۇپ كەل< دەپ كىرگۈزگەن ئىدى، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ:
- جاللات! - دەپ ۋارقىراپتۇ. ئاڭغىچە ئاقساق پولگان بىر تاقلاپلا قېچىپ كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ. ئەجمەن باتۇرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- يەنە كىر! - دەپتۇ. ئاقساق پولگان يەنە كىرىپتۇ - دە، پادىشاھقا:
- ئەجمەن باتۇر >پادىشاھ قىزىنى بىزگە قاچانلىققا بىرەركىن< دەيدۇ، - دەپتۇ. پادىشاھ يەنە قوغلاپتۇ. ئاقساق پولگان ئۈچىنچى قېتىم يەنە كىرىپتۇ. بۇلاردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن پادىشاھ:
- ئۇنداق بولسا مېنىڭ بىر نەچچە شەرتىم بار. سىلەر شۇ شەرتنى ئورۇنلىساڭلار قىزىمنى بېرىمەن. بىرىنچى شەرت، يەتتە ئايلىق يىراقلىقتا بىر بولاق بار. ناماز شام بىلەن مېڭىپ ئەتە ناماز بامداتقىچە شۇ بۇلاقتىن بىر ئاپتۇۋا سۇ ئەكىلىسىلەر، - دەپتۇ. ئەجمەن باتۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەمگە چۈشۈپتۇ. ئاقساق پولگان:
- مەن باراي ئاغىنىلەر. مەن ئانامدىن تۇغۇلۇپ بىرەر قېتىممۇ ھارغۇدەك يول مېڭىپ باقمىدىم، - دەپتۇ. ئەجمەن باتۇر ناھايىتى خوشال بولۇپ ئۇنى سۇغا ئەۋەتىپتۇ. ئاقساق پولگان ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ نامازشام بىلەن بۇلاققا قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇ ئىككى موللاق ئېتىپلا يەتتە ئايلىق يولنى خۇپتەنگىچە بېسىپ بۇلاقتىن بىر ئاپتۇۋا سۇنى ئېلىپ قايتىپتۇ. ئۇ بىر موللاق ئېتىپ تەڭ يولدا يالغۇز بىر چىنارنىڭ تۈۋىگە چۈشۈپتۇ ۋە >تېخى بالدۇر ئىكەن، بىر ئوخلىۋېلىپ بارساممۇ ئۈلگۈرەرمەن< دەپ ئويلاپ ئۇخلاپتۇ.
ئەجمەن باتۇر باشلىق تۆتەيلەن ئاقساق پولگاننىڭ كېلىشىنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتۈشۈپ تۇرۇپتۇ. تاڭ ئاتاي دەپ قالغاچقا بۇلار تېخىمۇ غەمگە چۈشۈپتۇ. ئارىدىن تىڭشاڭ باتۇر قۇلىقىنى يەرگە يېقىپ تىڭشاپ، ئاقساق پولگاننىڭ يېرىم يولدىكى بىر چىنارنىڭ تۈۋىدە خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلىپتۇ. بۇنى ئەجمەن باتۇرغا ئېيتقان ئىكەن. ئەجمەن باتۇر ئوق ئاتار پولگاننى ئوق ئېتىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوق ئاتار پولگان ئاتقان ئوق ئاقساق پولگان ئۇخلاۋاتقان چىنارنىڭ شېخىغا تېگىپتۇ. بۇنى سەزگەن ئاقساق پولگان چاچراپ ئورنىدىن تۇرساڭ تاڭ ئاتاي دەپ قالغان. ئۇ بىر موللاق ئېتىپ ئوردىغا يېتىپ كەپتۇ - دە، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ سۇنى تاپشۇرۇپتۇ.
پادىشاھ ئىككىنچى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ:
- مەن يەر ئاستىغا تۆت تېمى تۆمۈردىن قىلىپ بىر ئۆي سالدىم، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت قالايمەن، سىلەر شۇ ئۆيدە بىر كېچە تۇرالىساڭلار ئاندىن قىزىمنى بېرىمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باتۇرلار >ئىسسىقتا ئۆلىدىغان ئوخشايمىز< دەپ قورقۇشۇپتۇ. شۇ چاغدا مۇز تۈكۈرەر باتۇر:
- قورقماڭلار، بۇنىڭ ئامالىنى مەن قىلىمەن، تېخى سىلەر توڭلاپ قالمىساڭلار مەيلى، - دەپتۇ.
پادىشاھ ئۇلارنى تۆمۈر ئۆيگە كىرگۈزۈپتۇ. مۇز تۈكۈرەر باتۇر ھەر بىر تامغا قارىتىپ بىر نەچچىنى تۈكۈرگەن ئىكەن، ئۆينىڭ ئىچى مۇزغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. تاڭ ئاتقاندا پادىشاھ قارىسا ئۆينىڭ ئىچىنى تۈگمەن تېشىدەك مۇزلار قاپلاپ كەتكەن. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ ۋە قاتتىق ئويغا چۆكۈپتۇ. ۋەزىرلىرىدىن مەسلىھەت سوراپتۇ. ۋەزىرلەر:
- شەھىرىمىزدىكى گۈرۈچنى، قوي، كالىلارنى يىغىپ پولۇ ئېتىلى، ئۇلار شۇ پولۇنى تۈگىتىپ يىيەلىسە ئاندىن قىزنى بېرەيلى، - دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پولۇمۇ پىشىپتۇ. باتۇرلار يەنە قانداق قىلىشنى بىلمەي غەمگە چۆكۈپتۇ. شۇئان ئەجمەن باتۇر:
- قورقماڭلار ئاغىينىلەر، مەن تۇغۇلغاندىن بېرى بىرەر قېتىم تويغۇدەك تاماق يەپ باقمىدىم، بۈگۈن بىر ئاز تويىدىغان ئوخشايمەن. سىلەر پادىشاھتىن تۆت گۈرجەك سوراپ ئېلىپ پولۇنى شۇ گۈرجەك بىلەن مېنىڭ ئاغزىمغا سېلىڭلار، - دەپتۇ. شۇئان تۆت باتۇر تۆت گۈرجەكنى ئېلىپ ئەجمەن باتۇرنىڭ ئاغزىغا نۆۋەت بىلەن پولۇ تاشلىغىلى تۇرۇپتىكەن، بىر دەمنىڭ ئىچىدە پولۇ تۈگەل قۇشقاچ يىگىچىلىك دانمۇ قالماپتۇ. لېكىن ئەجمەن باتۇرنىڭ قورسىقى تويماپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ قورققىنىدىن:
- بۇلار ئادەم ئەمەس، بالا - قازا ئىكەن. بۇلاردىن قۇتۇلمىساق بولمىغۇدەك، - دەپ قىزىنى بېرىپتۇ.
ئەجمەن باتۇر ھەمرالىرى بىلەن قىزنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇلار خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن قورسىقى ئېچىپ توختاپتۇ. ئوۋ ئوۋلاپ قورساقلىرىنى تويغۇزۇشۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. بۇ يەر دىۋىلەر ماكانى بولۇپ قىرىق دىۋە ياشايدىكەن. بىر دىۋە قىرنى كۆرۈپ، كېچىدە يەر ئاستىغا ئەكىرىپ كېتىپتۇ. ئەجمەنلەر تاڭ ئاتقاندا قارىسا قىز يوق، تىڭ - تىڭلاپ كۆرسە دىۋە يەر ئاستىغا ئەكىرىپ كەتكەن. يەر ئاستىغا ھېچقايسىسى كىرگىلى ئۇنىماپتۇ. ئاخىرى ئەجمەن باتۇر ئۆزى چۈشۈپتۇ. دىۋە بىلەن ئېلىشىپ دىۋىنىڭ ئالتە بېشىنى كىېسىپ بىر بېشى قالغاندا، دىۋە قۇشقاچقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئەجمەن باتۇر قىزنى ئاغامچىغا باغلاپ يۇقۇرىدىكىلەرگە >تارتىڭلار< دەپتۇ. ئۇلار قىزنى تارتىپ ئېلىپ ئەجمەن باتۇرنى تارتىۋالماي ئارغامچىنى يەر ئاستىغا تاشلىۋېتىپ كېتىپتۇ. ئەجمەن باتۇر يەر ئاستىدا ئالغا قاراپ مېڭىپتۇ. بىر يەرگە كەلسە بىر دېھقان خامان تېپىۋاتقۇدەك، ئۇ دىخاندىن نان سوراپتۇ. دىھقاننىڭ ئاچچىقى كېلىپ:
- ھازىر ئۆزۈمگە يىگىلى نان يوق، ساڭا نەدىكىن نان، - دەپتۇ. ئەجمەن باتۇرنىڭ غەزىۋى ئۆرلەپ:
- ئەگەر ماڭا نان بەرمىسەڭ خامىنىڭدىكى ئاشلىقىڭنىڭ ھەممىسىنى يەۋىتىمەن، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دېھقان قورقۇپ ئەجمەن باتۇرغا بىر نەچچە نان ئەپچىقىپ بېرىپتۇ. ناننى يەپ بولغان باتۇر دېھقاندىن بىر كەتمەن سوراپتۇ. ئۇ كەتمەننى ئېلىپ، دىۋىلەر دەرۋازىسىغا بارغۇچە ئورەك كولاپ تاڭ ئاتقاندا دەرۋازا تۈۋىدە ماراپ تۇرۇپتۇ. ئېچىرقاپ كەتكەن دىۋىلەر سىرتقا چىقىپتىكەن ئەجمەن باتۇر بىر - بىرلەپ ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ. ئۇ دىۋىلەرنى يوقىتىپ بولۇپ ئىچكىرى كىرىپ قارىسا قىرىق دانە ئاچقۇچ تۇرغۇدەك. ئەجمەن باتۇر ئاچقۇچنى ئېلىپ ئۆيلەرنى ئېچىپ قارىسا ھەر بىر ئۆيدە سانجاق - سانجاق ئادەم تۇرغۇدەك. بۇ ئادەملەر ئەجمەن باتۇرنى كۆرۈپ، >مەن ئورۇق، سەن سېمىز< دەپ نالە قىلىشقا باشلاپتۇ، ئەجمەت باتۇر ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەندىن كېيىن:
- مەن دىۋە ئەمەس. بۈگۈندىن باشلاپ سىلەر ئەركىنلىككە چىقتىڭلار، - دەپ ئۇلارنى ئازات قىلىپتۇ ۋە سوراپتۇ:
- ئۈستۈنكى ئالەمگە چىقالايدىغان جانۋار بارمۇ؟ ئۇلار بىردەك:
- سۈرمە قۇشتىن باشقا ھىچنەرسە چىقالمايدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
- سۈرمە قۇش قەيەردە تۇرىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ باتۇر.
- سىز كۈن چىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭسىڭىز بىر تۈپ چىلان دەرىخى ئۇچرايدۇ. سۈرمە قۇش ھەر يىلى شۇ چىلان ئۈستىگە ئۇۋا سېلىپ بالا چىقىرىدۇ، - دەپتۇ ئۇلار.
يىگىت دىگەندەك بېرىپ قارىسا، يوغان بىر چىلان دەرىخىنىڭ ئۈستىدە سۈرمە قۇشنىڭ ئىككى بالىسى تۇرغۇدەك. پەستە يوغان بىر ئەجدىھار قۇشنىڭ بالىلىرىغا تەلمۈرۈپ تۇرغۇدەك ئەجمەن باتۇر زۇلپىقار بىلەن ئەجدىھانى ئۆلتۈرۈپ، سۈرمە قۇشنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپتۇ. سۈرمە قۇش ئەجمەن باتۇرنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئۈستۈنكى ئالەمگە ئەپچىقىپ قويۇپتۇ. ئەجمەن باتۇر ھەمراھلىرىغا يېتىشىپتۇ. قارىسا بىر قىزنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ تۆت باتۇرنىڭ ئىككىسى ئۆلگەن. ئۇ قالغان ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ قىزنى ئېلىپ ھېلىقى ئەجدىھاغا ئاپىرىپ بېرىپ ئۆز شەھىرىگە راۋان بولۇپتۇ.
ئېيتىپ بەرگۈچى: كۇچا ناھىيە ياقا گۇڭشېدىن: جامال شىرىپ