—参考资料
ئەكبەر باتۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەكبەر قازاق، 1917 - يىلى 1 - ئايدا نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئولاستاي دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى قابانباي يۇرت ئىچىدە نامدار كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆزى چۈشۈپ، 1928 - يىلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەكبەرنىڭ تاغىسى قاسىم ئاكىسى قابانباي ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كويىدا بولغاندا، سېزىلىپ قېلىپ بەختكە قارشى قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە قىيىن - قىستاق ئاستىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن يۈرىكى ئازابلانغان ئەكبەرنىڭ قەلبىدە قىساس ئېلىش ئوتى يانىدۇ.
1943 - يىلى شېڭ شىسەي پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىگە ئون مىڭ ھەربىي ئات تاپشۇرۇش سېلىقى سالىدۇ. بۇ ئىش ئەكبەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي، نىلقا ناھىيىلىك سودا شىركەت باشلىقى فاتىق بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ، پارتىزان ئەترىتى تەشكىللەپ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىشنى پىلانلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1944 - يىلى باھاردا، ئەكبەر، سادىق، جاھانباي، ئوبۇلخەيرى تۆرە، ئوزارخان، ئەكبەرنىڭ ئىنىسى سېيىت قاتارلىقلار بىرلىكتە يىغىن ئېچىپ، پارتىزان ئەترىتى تەشكىللەش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىشنى سېزىپ قالغان قاناتبەك دېگەن ئادەم بۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى پاش قىلىدۇ. نەتىجىدە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى قولغا ئالىدۇ. ئەكبەر ئىنىسى سېيىت بىلەن قېچىپ،ناۋان دېگەن كىشى بىلەن سوۋېت چېگرا مۇداپىئە 40 - پولكنىك پولكوۋنىكى چۇماكىندىن قورال ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۇماكىن:<بىز ئوچۇق - ئاشكارا قوللىمايمىز. سىلەر ئات ئۆتكۈزۈپ، قورال ئالساڭلار بولىدۇ> دەيدۇ. ئەكبەر سېيىت، ناۋانلار بىلەن بىللە قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈمەت مۇسادىرە قىلغان ئون ئاتنى يوشۇرۇن ئېلىپ كېلىپ، سوۋېتنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى كېلىلىنكا ئارقىلىق ئۈچ دانە تاپانچا، 600 تال ئوققا تېگىشىپ، ئولاستايغا قايتىپ كېلىپ، پارتىزانلار قوماندانلىق شىتابى قۇرىدۇ. شىتابقا فاتىق بىلەن ئەكبەر باشلىق بولىدۇ. ئارىدىن يېرىم ئاي ئۆتمەي، پارتىزانلار سانى 34 كە يېتىدۇ. بۇلار گومىنداڭنى ئاغدۇرۇپ، ئېزىلگەن خەلقنى ئازاد قىلىش شوئارى ئاستىدا ھەرىكەت باشلاپ، تەشۋىقات ۋارىقى تەييارلاپ، ئۇنى ھەر قايسى ئائىلە، مەكتەپ، مەسچىت ۋە كوچىلارغا تارقىتىدۇ. نەتىجىدە 300 دىن ئارتۇق ئادەم پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. قورال - ياراغمۇ كۆپىيىدۇ. شۇ كۈنلەردە پارتىزانلاردىن سېيىت بىلەن خەمىت چارلاش ئېلىپ بېرىۋېتىپ، گومىنداڭنىڭ ئىككى نەپەر ئاخباراتچىسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇلار گومىنداڭنىڭ 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 50 نەپەردەك ئەسكەر چىقىرىپ، ئەكبەر قاتارلىق ئالتە <ئوغرى> نى تۇتماقچى بولغانلىقىنى پاش قىلىدۇ. پارتىزانلار بۇلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ پىلانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرجىمان رىندۇسەينى تۇتىدۇ ۋە ئات، قورال ئولجا ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەكبەر 25 پارتىزانغا قورالغا تېگىشىپ كېلىش ئۈچۈن 100 ئات بېرىدۇ. ئۇلار ئاتنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، 25 دانە قورال، 7500 تال ئوق، 60 دانە گرانانت ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى تېگىشىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پارتىزانلار سۇبۇلتاي، شاسۇر دېگەن جايغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئىشەنچىلىك ئادەملەرنى توپلاپ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مازاردىكى گومىنداڭنىڭ قىسىمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىدۇ. 15 ئات ۋە قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئولجا ئېلىپ، مازارنىڭ داۋان دېگەن يېرىگە كەلگەندە، ئىلىدىن كېلىۋاتقان 3 ماشىنىدىكى گومىنداڭ دۇچ كېلىپ قالىدۇ، بۇ قېتىمقى جەڭدە پارتىزانلار ئۈچ ماشىنا نۇرغۇن قورال - ياراغ ئولجا ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، توققۇز تارا ئۇرۇشى، تاشداۋان ئۇرۇشى قاتارلىق ئورۇشلاردا ئەكبەر فاتىق، سېيىت، غېنى، خەمىت، رەفىق، ئىۋان قاتارلىق دوستلىرى بىلەن بىللە دۈشمەنگە قارشى جان تېكىپ كۈرەش قىلىدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قارا سۇدىكى 7 - قېتىملىق ئۇرۇشتا دۈشمەننىڭ ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئوققا تۇتىشىدا، كۆكسىگە ئوق تەگكەن ئەكبەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ.