—参考资料
چاۋ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
چاۋ - خەنزۇچە قەغەز پۇل نامى 钞دىن كەلگەن. بۇ خىل قەغەز پۇلنىڭ بىرلىكى <ياستۇق> دېگەن پۇل بىرلىكى بويىچە ھېسابلانغان. شۇڭا ئۇ <چاۋ ياستۇق> دەپمۇ ئاتالغان. <ياستۇق> بولسا ئەڭ چوڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر ياستۇق 50 سىتىرغا تەڭ. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <ئالتە يۈز ياستۇق چاۋ> دېگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ (A. V گابائىن: <قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى>، 10 - بەت). يۈەن سۇلالىسى دۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدا بۇ پۇل <qongdung baoqao> (چوڭتۇڭ باۋچاۋ <宝 统 中 ) دەپ ئاتالغان. >中统< قۇبلايخاننىڭ يىلنامىسى. يەنى 1260 - 1264 - يىللارنى كۆرىستىدۇ.