Uyghur主要词典
چاۋ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
شۆھرەت، نام، ئاتاق. ئابرۇي: چاۋاڭنى چىتقا يايما - نامىڭنى بۇلغىما، ئابرۇيۇڭنى تۆكمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە شەيئىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇلارنى بىر - بىردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاتاش.
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا. ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.
قارا ئىسملىك. نامزاتلار ئىسىملىكى. ئىسمى بار، جىسمى يوق. ئىسمى جىسمىغا لايىق. نامدا بار، ئەمەلدە يوق. چاۋىسىنى چىتقا يايماق. تۇتقىن قانۇن ئاغىرلىق،يادسۇن چاۋىڭ بۇرۇنغا.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
چاۋ - خەنزۇچە قەغەز پۇل نامى 钞دىن كەلگەن. بۇ خىل قەغەز پۇلنىڭ بىرلىكى <ياستۇق> دېگەن پۇل بىرلىكى بويىچە ھېسابلانغان. شۇڭا ئۇ <چاۋ ياستۇق> دەپمۇ ئاتالغان. <ياستۇق> بولسا ئەڭ چوڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر ياستۇق 50 سىتىرغا تەڭ. قۇجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <ئالتە يۈز ياستۇق چاۋ> دېگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ (A. V گابائىن: <قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى>، 10 - بەت). يۈەن سۇلالىسى دۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىدا بۇ پۇل <qongdung baoqao> (چوڭتۇڭ باۋچاۋ <宝 统 中 ) دەپ ئاتالغان. >中统< قۇبلايخاننىڭ يىلنامىسى. يەنى 1260 - 1264 - يىللارنى كۆرسىتىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پۇل