Uyghur主要词典
ھال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەھۋال، ھالەت.
ھال پېئىل. * ھال ئېيتماق، ھال سورىماق.* ھالى خاراب، ھال - مۇڭ، ھال - ئوقەت. * چىش ئاغرىقى ئەمەس، كىشى كېلىپ ھال سورىماس (ماقال). * ھالىم پەرىشان، كىيگىنىم تېرە ئىشتان (ماقال). * نېسىي ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ دەپتەرگە قاراپ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كىبرى، جازا.
ھالى چوڭ، ھال كىرمەك، ھال تارتماق. * باراڭغا چۈشكەن قاپاقنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ھالى بار (ماقال). * ئاۋۇ خوتۇننىڭ ھالىنى، ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كۈچ، ماغدۇر.
ھالدىن كەتمەك، ھالسىرىماق، ھالسىز. * ساق يېرىنىڭ ھالى يوق ، ئاغرىق يېرىنىڭ تايىنى (ماقال).* ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار (ماقال). * ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
زىرائەتكە چۈشىدىغان بىر خىل كېسەللىك.
بۇغدايغا ھال چۈشتى. * ھال كېسىلى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
بىنەپشە رەڭ.
ھال كۆڭلەك كىيگەن قىز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەھۋال. ھال، ئەھۋال، كەيپىيات.
خۇسۇسىيەت، مەنە.
پەيت، ۋاقىت، پۇرسەت.
ئىختىيار، ئىرادە.
ھوش ئۆزىگە كېلىش، ھوشىغا كېلىش:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھالەت، ئەھۋال؛ سالامەتلىك ئەھۋالى؛ كەيپىيات؛ روھلانماق، خۇشاللانماق، كۆڭۈل ئاچماق؛ ھازىر، ئەمدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش ھېسسى: كىبرى بار، ھالى بار، جازىسى بارلىق.
كىبرى قىلساڭ، كېيىنلىكىڭنى ئويلا. سانسىزغا سان تەگدى، ئىشتانسىزغا ھال. ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت. جازىسى ئۈستۈن كىشى جامائەتكە ياقمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكەببۇرلۇققا دائىر.
خورىكى چوڭ. خورىكى ئېگىز. خورىكى ئۆسمەك. خورىكىنى ئېلىپ قويماق. خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك. دىمىغى ئۆسۈپ قاپتۇ. دىمىغى ئېگىز تاشقا پۇتلىشار. دىمىغى ئۈستۈن ئازگالدا ئۆلەر. كىبرىسى بار. كىبىر قىلغان كېيىن قالار. جازىسى بار. جازىسى ئۈستۈن. ئۇ جازىسى ئۈستۈن نېمە ئىكەن. سەندە بار جازا، ئۇنىڭدىمۇ بار. ئاۋۇ خوتۇننىڭ ھالىنى ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى. ھالى چوڭ ھەممىدىن ئايرىلار. ھالى بارنىڭ نازى بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرىدىغان، ھەرىكەتتىكى جىسىمنى توختىتىدىغان ياكى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قابىلىيەت، رول، ئۈنۈم.
«كۈچ، قۇۋۋەت، قۇدرەت، جان» ئەڭ ئومۇمىي، ئادەم، ھايۋان ۋە ھەممە شەيئىدە بولىدۇ.
«چاما، مادار، ماغدۇر، ماجال، ھال، دەرما
بىلىم - كۈچ. كۈچ - ئۆملۈكتە. كۈچ - قۇدرەتمۇ ئەقىلغە يول بېرەر. بۇ تاماكىنىڭ كۈچى يوق ئىكەن. ئات كۈچى؛ ئەمگەك كۈچى. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەكتە، ھايۋاننىڭ تۇياقتا. بىلمەسلكتە بار ئىدى خۇش قۇۋۋىتىم، بىلگىنمدە قالمىدى ھېچ قۇۋۋىتىم. خۇلقى يامانلارغا بەرمە زەررە قۇدرەت، يامانلىقلىرىغا بەرمە كۈچ - قۇۋۋەت. چامىسىغا قاراپ چانىسى. تاماق - تەننىڭ مادارى. ماغدۇرۇم باردا يوق، ماغدۇرۇم كەتكەندە تەييار. قايسى تەرەپكە كەتتى خىيالىڭ، گەر قىلساڭ پەرۋاز، يېتەر ماجالىڭ. ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار. دەرد بار، دەرمان يوق. سۆلى يوقنىڭ كۈنى تەس. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ. جېنى يوق ئېشەك، بىر پارچە خام كېسەك. ئاق نان تېپىشقا قۇربى بار ئىنسان كېپەك ئارقىسىدىن چاپماس ھېچقاچان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرمۇشتا روھى ۋە جىسمانىي شارائىت.
ھالىم خاراپ. ھالىم پەرىشان، كىيگىنىم تېرە ئىشتان. كىشىنىڭ ھالىغا كىشى يەتمەس. دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما، كۈلگىسى كېلىدۇ. تۇرغۇن ھالەتنىڭ دەردى كۆپ. ئۆيۈڭنىڭ ئەھۋالىنى قوشناڭدىن سورا. ۋەزىيەتنى كۆزىتىشنى ئۆگەن، ۋەزىيەت تەقەززاسىدىن كېيىن قالما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاچ قىزىل، قىزغۇچ؛ شاپتۇل چېچىكى رەڭ.
ھال رەڭ ئانار تاش. ھال پروكسېنت. ھال كۋارتس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
زەمبۇرۇغلار پەيدا قىلىدىغان زىرائەت كېسىلى. كېسەللەنگەن زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماق، غوللىرىدا دات رەڭگىدە توچكىلار پەيدا بولىدۇ، مەھسۇلاتقىمۇ تەسىر يېتىدۇ. ئۇ <دات كېسىلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، ئەھۋال.
بارى بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن (ماقال).
تۇرق، كۆرۈنۈش.
ھالىڭىزغا ۋاي!
جىسمانىي ۋە روھىي ھالەت؛ سالامەتلىك، كەيپىيات.
ئېغىر ئەمگەك ئۇنىڭ ھالىنى قويمايتتى.
كۆچمە. كىبىر.
ھالى ئۈستۈن. ھال پەيدا بولماق.