Uyghur主要词典
ھالا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ھالەت. ئەھۋاللار، كەيپىياتلار؛ ھالەت.
......
زىيائى مەشئەلى نۇرى نەبۇۋۋەت ئېردى كۈن ئاتىڭ،
ھەمىشە تائەتۇ تەقۋىيۇ تەسىبېھ ئېردى ھالاتىڭ.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇشۇ چاغدا، ھازىرقى ئەھۋالدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
ئەرەبچە
ئورۇن ياكى ۋاقىت چېكىنى بىلدۈرىدىغان رەۋىش ۋە رەۋىشداشلارنىڭ ئالدىدا كېلىپ، چەك ئۇقۇمىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
- سىدىق كىچىكىدىن يامان ئۆگىنىپ قالغاچقا ھالا بۈگۈنگىچە بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماي، لاغايلاپ يۈرۈيدۇ، - دېدى تاغام ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ.