Uyghur主要词典
ما چىشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1857 - 1914)جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىنىڭ شىداۋتاڭ سۈلۈكىنى قۇرغان ئادەم. گەنسۇ لىڭتەنلىك، خۇيزۇ. كىچىكىدە ئەرەبچە ئۆگەندى. كېيىن فەن يۈيلىڭ، فەن شىڭۋۇلاردىن خەنزۇ يېزىقى ۋە كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىنى ئۆگەندى. 1880 - يىلىدىن كېيىن، ئۆيىدە كىتاب ئوقۇپ، ليۇجى قاتارلىق كىشىلەر خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى تەتقىق قىلدى. كېيىن لىڭتەن كونا شەھىرىدىكى شىفېڭ تېغىدا مەكتەپ ئېچىپ، كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىدىن ۋە ئسىلام دىنىدىن دەرس ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن شاگىرتلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، ئىستىقامەت قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. 1906 - يىلى غەربىي خانىقا سۈلۈكى (شىداۋتاڭ سۈلۈكى) نى رەسمىي قۇرۇپ، مۇخلىسلارنى ھەمكارلىشىپ سودىگەرچىلىك، دېھقانچىلىق قىلىشقا چاقىردى. ئىككىنچى يىلى يىغىش قىلىپ شېفېڭ تېغىنىڭ باغرىدا مەسچىت سېلىپ، بۇ مەسچىتنى <شىداۋتاڭ> دەپ ئاتىدى. مۇخلىسلارنىڭ مەسچىتنى ئۆز ئۆيى بىلىپ، كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، نامرات مۇخلىسلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، بېيجۇاڭ سۈلۈكىنىڭ يېڭى مەزھىپى بولۇپ قالدى. ماچىشى ئۆزى ئىمام بولدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى. كېيىن مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن، مىللىتارىست مانەنلياڭنىڭ تۆھمىتىگە قېلىپ، ئانا - بالا ۋە قېرىنداشلىرى 1914 - يىلى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.