Uyghur主要词典
لېئونىدا
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 480) سپارتا پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 488 - 480). پادىشاھ كلېئومېنېس Ⅰنىڭ ئاتا باشقا ئىنىسى، ئايال پادىشاھ گورگو بىلەن توي قىلىپ، كېيىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. شېرىش Ⅰ پېرسىيە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، گرېتسىيە كەڭ كۆلەمدە ھۇقۇم قىلغاندا (ئۈچۈنچى قېتىملىق گرېتسىيە - پېرسىيەئۇرۇشى). مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى تەخمىنەن 4000 پېلوپوننېس لەشكەرلىرىنى باشلاپ بېرىپ، شىمالىي يۇنان بىلەن ئوتتۇرا يوناننىڭ چېگرىسىدىكى تېرموپىل (<ئارشاڭ ئۆتكىلى>)نى قوغدىغان. ئۆتكەلنى ئىككى كۈن چىڭ ساقلاپ، دۈشمەننى كىرگۈزمىگەن. كېيىن خائىننىڭ دۈشمەن بىلەن ئالاقە قىلىشى ئارقىسىدا، پېلوپوننىس لەشكەرلىرى مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىپ، تارمار بولۇپ كەتكەن. لېئوندا سپارتالىق 300 پالۋان بىلەن بىللە مەرتلەرچە قۇربان بولغانغا قەدەر قان كېچىپ جەڭ قىلغان. زاماندىشى، لىرىك شائىر سموندې شېئىر يېزىپ، ئۇنى سپارتا پالۋانلىرىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ مەدھىيلىگەن.