Uyghur主要词典
لېئونتېۋ
دۇنيا تارىخى
(1901 - 1974) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئىقتىسادشۇناس. 1919 - يىلى كومپاتىيىگە كىرگەن. 1925 - يىلى قىزىل پروفېسسورلار ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئالىي ئىنىستىتۇتلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1930 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي ماركسىزم - لېنىنزم تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە <ھەقىقەت گېزىتى> تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان، كېيىن <يېڭى دەۋر> دە مۇئاۋىن باش تەھرىر بولغانق. 1946 - 1953 - يىللىرى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى سىياسىي ئىقتىساد كافېدراسىنىڭ مۇدىرى بولغان. <ماركسىنىڭ >كاپىتال< دېگەن ئەسىرى توغرىسىدا>، <لېنىننىڭ جاھانگىرلىك توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.