Uyghur主要词典
باس راۋاب
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ تۆۋەن ئاۋازلىق راۋاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <باس > دېگەن سۆز نېمىسچە <Bass> دەپ يېزىلىپ، <تۆۋەن>، <تۆۋەن ئاۋازلىق> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى ئومۇمەن چاپلىما راۋاب بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بىراق، ھەجمى چوڭراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا جەمئىي ئۈچ تال بوم تار (ئېشىلگەن پولات سىم) سېلىنىدۇ. بۇ خىل راۋاب ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئوركېستىرىدا مۇھىم بولغان تۆۋەن ئاۋازلىق چالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە باش قىسمى ئوڭ پۇت تېقىمىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ، يانتۇ تۇتۇلۇپ چېلىنىدۇ.
ئۇمۇمەن، راۋاب (بۇرۇن <راباب> ۋە <رەباب> دەپمۇ ئاتالغان) بەربابنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، <تەۋارىخى مۇسيقىيۇن> دا < 16 - ئەسىردە ياشىغان ياركەنتلىك مۇزىكا ئۇستازى قېدىرخان ياسىغان> دېيىلگەن.