Uyghur主要词典
باس
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
مۇزىكا ئاتالغۇسى. پەس، تۆۋەن، بوم ئاۋاز.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
باسماق، بېسىش. 1 . ئۈستىدىن نىقتىماق.
كونۇبكىنى باس. * ئۇ مىلتىقنىڭ تەوكىسىنى باستى.
2 . قاچىلىماق. ماشىنىغا يۈك باستۇق. * ئارغامچىغا ئۇن بېسىپ قويۇپتۇ (ماقال).
3 . قاپلىماق. ساقال باسماق، يولنى سۇ باسماق، ئېتىزنى قار باسماق، ئاسماننى قارا بۇلۇت باسماق، ئەتراپنى قارڭغۇلۇق باسماق، كۆزنى چاپاق باسماق. * قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باستى. * ئاتنى قارا تەر باستى. * ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران (ماقال). * باينى مال باسىدۇ، گاداينى بالا (ماقال).
تەشنالار كۆزىنى باسسا ئۇيقۇ،
چۈشىگە كىرىدۇ، پۈتۈن ئالەم سۇ.
4 . نەشر قىلماق. باسما زاۋۇتىدا دەرسلىك بېسىۋاتىمىز. * «ياشلار» ژۇرنىلى ماقالەمنى باستى.
5 . ئىز چىقارماق. تامغا باسماق، قول باسماق.
6 . كەشتىلىمەك. تىكمەك. گۈل باسماق.
7 . پەسەيمەك، تىنچىماق. ئۆپكەڭنى بېسىۋال. * ئاچچىقىڭنى باس. * قىچىقىڭ بېسىلدىمۇ؟
8 . يۈرمەك، ماڭماق، دەسسىمەك. ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە (ماقال). * يولۋاس باسقان ئىزىدىن يانماس (ماقال). * باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس، ئالدى - ئارقاڭنى كۆرۈپ باس (ماقال).
9 . ئۈستۈن كەلمەك.
دانانى شەرمەندە قىلدىمغۇ دەيدۇ،
غۇرۇرى ئۆرلىگەن ماختانچاق نادان.
بىلمەس ئۇ، ناغرىنىڭ ئاۋاى دائىم،
«ئەجەم» كۈيىنىمۇ باسىدۇ ئاسان.
«باس» تىن بىر تۇيۇق:
جەڭلەردە دۈشمەننى كۆتۈر، يەرگە باس،
شا - شەرەپ ساڭا خاس، داۋام ئالغا باس.
ئال ۋەتەن ساڭا دېسۇن «ئاپىرىن!»
تارىخقا بۈگۈن سەن ئۆچمەس مۆھۈر باس!
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<باش> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
روسچە<ئىنگلىزچە
مۇزىكا
پەس، تۆۋەن، بوم (ئاۋاز ھەققىدە).
باس ئاۋاز.