Uyghur主要词典
گولگى
دۇنيا تارىخى
(1844 - 1926) ئىتالىيىلىك ھىستولوگ، پاتالوگ. كوتېنو (ھازىرقى گولگى) دا تۇغۇلغان. 1865 - يىلى پاۋىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن لومبوروسو قاتارلىق ئالىملار بىلەن بىللە ئىشلىگەن. 1880 - يىلى پاۋىيە داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. كۈمۈش نىترات ئۇسۇلى بىلەن مەركىزىي نېرۋا سىستىمىسىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەنى نامايەن قىلىشنى كەشىپ قىلغان، ئۇ كېيىن <گولگى ھۈجەيرىسى> دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە بەزگەك پلازمودىيىسىنى تاپقان. 1906 - يىى ئىسپانىيىلىك يى.كاخار بىلەن نېرۋا ئاناتومىيىسىدىكى تۆھپىسى ئۈچۈن بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ <ئەسەرلەر توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.