Uyghur主要词典
گول
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ساددا، ئەخمەق، ئالدانغاق، گۆل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلىي كۈچى ئاجىز، تولۇق يېتىلمىگەن، توغرا پىكىر قىلالمايدىغان.
بۇ يەردىكى فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەردىن «قاپاقباش، سامانقورساق، پوققورساق» لارنىڭ بىلىمسىز، نادانلىقتىن «دۆت» لۈكىنى كۆرسىتىدۇ؛ قالغانلىرى كۆپىنچە جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. پېئىل ھالىتىدە جۈملە بۆلەكلىرى بولۇپ كېلىدۇ: ئۇ، سەندىن قاچان كەلدىڭ دەپ، سوراۋاتىدۇ، سەن تاغدىن سورىسا، باغدىن جاۋاب بېرىۋاتىسەنغۇ دېگەندەك.
كالۋا مەسچىتتىمۇ تاماق يەر. گالۋاڭنىڭ بېشى زېدە. گالۋاڭغا ئالۋاڭ يوق. راھەتكە بېرىلگەن ئۆگەنمەس، لەقۋا بولار. ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالزاڭنىڭ كۈلكىسى كېلەر. ئاقىلنىڭ ئىشى تۈگىمەس، گاراڭنىڭ غېمى. كومشانىڭ كۈن كۆرۈشى تەس. دېۋەڭگە تاياق دېۋەيلىمە، ئورۇنسىز. مەتۇ مېھرابقا سىيىدۇ. گول ئاسان ئادىشىدۇ. دەلتە دەردىنى بىلمەيدۇ. گاراھ گاسقا يولۇقسا ئىش بۇزۇلىدۇ. ئاڭقاۋ ئالمىغا ئامراقمىش. پاڭقۇش پايخانىدا قالىدۇ. ھاڭۋاقتىغا ھارامزادە ئامراق. ھاڭۋاقتىنىڭ ھالى خاراب. خامۇش ئاشنى خام يەيدۇ. خارامۇش خارلانمىسۇن. قاپاقباشتىن ساپ ئەقىل يوق. سامانقورساق سامانلىقتا ياتىدۇ. ئۇ مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان نېمىكەن. باقى قىچىشمىغان يەرنى تاتىلاپ يۈرىدىغاننى دوست تۇتۇپتۇ. ئاشپەزگە پۇل بېرىپ، نانۋايغا قارايدىغان كىشىدىن ئاغزىڭ قېنى دېسە، بۇرنىنى كۆرسىتىدىغان ئارتۇق ئەمەس. ئۇ شۇنداق قىزىق بالىكەنكى، تاغدىن سورىساڭ، باغدىن جاۋاب بېرىدىغان كىشىلەردىن كۈلىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز، قۇۋلۇق - شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، دىلى ئاق، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان.
ھىيلىگەر، مەككار، مۇغەمبەر، قۇۋ، لولا، ھەييار، نەيرەڭۋاز، ھارامزادە، تادان، قېرى تۈلكە، قېرى قاقباش
قۇۋلۇق - شۇملۇقتا ئۇستا، يالغانچىلىق بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، دىلى قارا.
ساددا ساختىپەزلىك قىلماس. گول ئادەم زىيان تارتسىمۇ قۇۋ كىشىدىن ياخشى. ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق. ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس. مەككاردىن ئىت ياخشى. ئون تازنى توققۇزى ھەييار، ئوق سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. قۇۋ تۈلكىنى كۈچۈك بىلەن تۇتقىلى بولماس. لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئىلمەك. ھارامزادىنىڭ ئارغامچىسى بىلەن قۇدۇققا چۈشمە. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇۋلۇق - شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، بىرەر ئىش، بىرەر گەپكە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدىغان، تۈز، ساددا.
گول ئادەم. گول بولماق. گول قىلماق.
كىتابلاردا نېمىلا يېزىلسا شۇنى توغرا دەيدىغان گول چاغلىرىمىز ئۆتكەن ئوخشايدۇ.
كۆچمە. ئاينىش، كۆكلەش، تۇتۇش جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلمايدىغان؛ ئاسان ئەي بولىدىغان (ئۆسۈملۈك ھەققىدە).
- چىغ دېگەن بەكمۇ گول نېمە، كۈزدە بىرلا سۇ باشلاپ توڭ ياتقۇزىۋەتسەم، ئەتىيازلىقى نەيزە تارتىپ چىقىۋېرىدۇ، - دېدى ئۇ.