Uyghur主要词典
ماي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ياغ.
قوي مېيى. * يۈز مېيى. * چاچ مېيى. * ماي بوياق. * ماي زاۋۇتى. * ئۆچكىگە جان قايغۇسى، قاسساپقا ماي (ماقال). * ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
5 - ئاي.
1- ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال - چارۋىلار، جانىۋارلارنىڭ تېنىدە، سۈتىدە، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى، ئۇرۇقىدا، دېنىدا، گۈلىدە بولىدىغان ماددا.
قوي يېغى؛ زىغىر يېغى. ياغ يەپ يالىڭاچ يات. ياغدەك باقماق. شەيتاندىن، توپا يەمسەن؟ - دەپ سورىسا، يېغى بارمۇ؟ - دەپتۇ. ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ بەشىنچىسىنىڭ نامى.
ماي لاتىنچە Maius دىن كەلگەن. قەدىمكى رىملىقلار باھارغا ۋە ھاياتقان مۇئەككەل ئايال ئىلاھ Maia نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ ئايغا شۇ نامنى بەرگەن.
5 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
1 - ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھەرقايسى ئەللەردە قىزغىن تەبرىكلىنىدۇ.
5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى (1945 - يىل) گېرمان فاشىستلىرى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى گېرمان فاشىستلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىنغان خاتىرە كۈنى.
8 - ماي خەلقئارا قىزىل كرېست خاتىرە كۈنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<خىم> ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ تېرە ئاستىدىكى توقۇلمىلىرى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە بولىدىغان ئورگانىك ماددا.
شۇ خىل ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھەمدە سىلىقلاش ياكى پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار.
ماشىنا مېيى. يۈز مېيى.
نېفىت ياكى ئۇنىڭدىن چەككىلەپ ئېلىنىدىغان تۈرلۈك يېقىلغۇلار.
ماي قاچىلىماق. ماشىنىنىڭ مېيى تۈگىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
قەدىمكى رىم خرىستىئانلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى، مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاينى شۇنىڭ نامىدا ئاتىغان.
<ئاستر>
مىلادىيە يىل ھېسابى بويىچە بەشىنچى ئاي.