Uyghur主要词典
مالاي
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خوجايىنىغا مەلۇم ھەق ئېلىپ، مەلۇم ۋاقىت ئىشلەپ بېرىدىغان كىشى، ياللانغان كىشى.
خوجايىن، خوجىكا
نۇرغۇن پۇل - مال ئىگىسى. ھازىر شىركەتلەرنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ ئېغىزچە ئاتىلىشى.
پۇل - ياخشى مالاي ھەم رەزىل خوجايىن. يۈز كۈن يەلپۈگەن غالچا، بىر كۈن يەلپۈگەن ئاغىچا. يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجىلاپ. ئون خوجىكامدىن بىر چاكار يامان. ئۈزۈڭگە كۆرمىسەڭ راۋا، باشقىغا بەرمە ئازار؛ بۇنى بەكمۇ ياخشى ئېيتتى خوجايىنغا خىزمەتكار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باي _ بەگلەرگە ياللىنىپ ئىشلەيدىغان كىشى.
ئەقىللىق _ يۇرتنىڭ ئاغىسى، ھۈنەرۋەن _ يۇرتنىڭ چاكىرى. جەننەتتەت مالاي بولغۇچە، جەھەننەمدە خوجا بولغان ئەلا. بىر مالايچىلار يەرگە ئىگە بولدى. ياللانما ئەسكەر جان تىكىپ سوقۇشماس. خىزمەتكارنىڭ خوجىسىغا سادىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجىلاپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بايلارنىڭ ياكى باشقا بىراۋنىڭ مەخسۇس خىزمىتىدە بولغۇچى كىشى؛ خىزمەتكار، چاكار.
ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەخسۇت بەگنىڭ مالايلىرى بولۇپ، ھەممىسى ئالماسنىڭ جان - جىگەر، سىنالغان دوستلىرى ئىدى.
كۆچمە. باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قارىغۇلارچە خىزمەت قىلغۇچى، غالچا.
ئۇ ئىلى گېنېرالى گۇاڭفۇنى ئۆلۈم بىلەن قورقۇتۇپ، يېڭى ھۆكۈمتنىڭ دۇدۇلىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، ئۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ سادىق مالىيى بولغان يۈەن داخۇانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالمىدى.