Uyghur主要词典
بۇددا دىنى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە ھىندىستاندا گائۇتاماسدخارتا دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىردىن بۇيان ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان، Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى دائىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان، بۇددا دىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلغاچقا، Ⅹ ئەسىردىن بۇرۇنلا خوتەن، كۇچا، قوجۇ (تۇرپان) غەربىي يۇرت بويىچە بۇددا دىنى مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى، بۇددىزىم پەلسەپە ئىدىيە - كۆز قاراشلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، مىمارچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن مىڭئۆي سەنئىتى، ئىبادەتخانىلار ئاساس قىلىنغان مىمارچىلىق شەكىللىنىپ راۋاجلاندى. تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ زور تەرەققياتلار بارلىققا كەلدى، ئۆز دەۋرىدە بۇددىزىمنىڭ ئاساسلىق نوملىرى (كىتابلىرى) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇر راھىپلىرى بۇددىزىمنىڭ بەزى نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇ راھىپلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆز دەۋرىدە، بولۇپمۇ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا دىنى گەرچە دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، مانى دىنى ئىككىنچى چوڭ دىن سۈپىتىدە بۇددا دىنى بىلەن ئۇزۇن بىر مۇددەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئەجدادلىرىمىز مانى دىنىغىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلغانلىقى، كېيىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ مانى مۇرتلىرىدىن بولغانلىقى تۈپەيلى مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بەزى قاراش - ئەھكاملىرى مەلۇم دائىرىدە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ سىڭىشكەن. شۇڭا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى بەزى بۇدا مەزھەپلىرى مانى دىنى تۈسىنى ئالغان.
دۇنيا تارىخى
دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بىرى. قەدىمكى ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دىنغا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ئۆتكەن ساكايومونى ئاساس سالغان. دەسلەپكى ۋاقىتتا ئۇ براخمانلار تائىپىسىنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى چىققان، دىنىي ساھەدە ھەر قايسى تائىپىلەر ئارىسىدىكى قاتتىق چەك - چېگرىنى بىكار قىلىشقا تىرىشقان، <ھەممە كىشى تۇغۇلۇش بىلەن باراۋەر> دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇڭا مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق ئۇ، تائىپە تۈزۈمىنىڭ رېئال باراۋەرسىزلىك مۇناسىۋىتىگە چېقىلمىغان چېقىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەسلەپكى دەۋردىكى بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىي دىنىي ئەقىدىسى جادۇر ساتىيا تەلىماتى، يەنى، دوكاساتيا، سامۇدياساتيا، نىروداستيا، مارغاساتيادىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشنى سەۋەب - نەتىجە ئايلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئازاب - ئوقۇبەت دېڭىزى دەپ قاراپ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نەپسىي ئارزۇ - ھەۋەستىن خالىي بولۇپ،نىجاتلىق ئىزدەش، ئۆز - ئۆزىدىن دۇئا - ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولى (سەككىز توغرا يول) ئارقىلىق نىرۋانا مەنزىلگە (يەنى، تۇغۇلمايدىغان، ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ئەركىن ئالىي غايىۋى مەنزىل) گە يېتىش كېرەك، دەپ قاراپ. ساكيامونى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇددا دىنى ھىندىستان زېمىنىدا كۈنسېرى كېڭىيىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگە كەلگەندە مائۇزىيە (توز) خاندانلىقى پادىشاھى ئاسوكا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. تەخمىنەن Ⅰ ئەسىرى ئەتراپىدا ماھايانا (بۇنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ دەپ ئاتىغان - ت) بۇددىزمى گۈللىنىپ، دەسلەپكى دەۋردىكى بۇددىزم تەلىماتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرغان؛ ئەسلىدىكى ساكيامونىنىڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان بىر قىسىم بۇددىزمچىلار ھىنايانا (<يانا> - ئولتۇرۇش، توشۇش مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. بۇددىزمنىڭ ئاساسلىق نومى - سۇترا (بۇددا بايانى)، ۋېنتايا (راھىبلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمىر - مەرۇپلار)، ئابىھىدارما (بۇددا تەپسىرى) دىن ئىبارەت تېرىپىتىكا (ئۈچ نوم) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅶ ئەسىردىن كېيىن، ماھايانانىڭ بىر قىسىم مەزھىپى براخمان دىنى بىلەن قوشۇلپ دىخارانى (خۇپىيانە دىن) نى ھاسىل قىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇددا دىنى ھىندىستاننىڭ ئۆزىدە يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئاسوكا دەۋرىدىن باشلاپ Ⅱ ئەسىردىكى كۇشان خاندانىلقىنىڭ خانى كانىشكا دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇددا دۇنياۋى دىنغا ئايلانغان. بۇددىزمنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىشىنى ئادەتتە غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن يۇەندېنىڭ بىرىنچى يىلى (مىلادىدىن 2 يىل ئىلگىرى) دەپ قارالماقتا. <ۋېينامە. ساكيامونىنىڭ تەرجىمىھالى> دە قەيت قىلىنىشىچە، ئەينى زاماندىكى ئۇلۇغ توخرىيلار (كۇشان) پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى ئېسون جۇڭگوغا كېلىپ بۇددا نومىنى ئاغزاكى سۆزلەپ بەرگەن؛ يەنە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەن مىڭدىنىڭ يۇڭپىڭ يىللىرى (Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) تارقالغان دېگەننى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن ئېتىبارەن، ئۇلۇغ توخرىيلار، ئارساك، ھىندىستان ۋە سوغدىيانا قاتارلىق ئەللەرنىڭ نۇرغۇن راھبىلىرى جۇڭگوغا كېلىپ دىن تارقاتقان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دۇنيادىكى ئاساسىي دىنلارنىڭ بىرى. مىلادىيىدىن ئىلگىرى Ⅴ،Ⅵ ئەسىرلەردە ساكيامۇنى تەرىپىدىن يارىتىلغان.