Uyghur主要词典
تۆت چوڭ بۇددا دىنى مەشھۇر تېغى
تاغ ۋە دالىلار
ۋۇتەيشەن تېغى، جيۇ خۇاشەن تېغى، پۇتوشەن تېغى ۋە ئېمېيشەن تېغى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ بۇددا دىنى مەشھۇر تېغى ھېسابلىنىدۇ.
ۋۇتەيشەن تېغى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇتەيشەن ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، بەش كىچىك تاغ چوققىسىنىڭ ئوراپ تۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان. ئاساسىي چوققىسى بولغان يېدو چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3058 مېتىر كېلىدۇ. بەش چوققا گەرچە ناھايىتى ئېگىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈستى ناھايىتى تەكشى بولۇپ، ھەربىرى ئۈستى ئوچۇق بالىخانىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، «ۋۇتەيشەن (بەش تەكشى تاغ)» دەپ ئاتالغان. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى سوغۇق، سالقىن بولغاچقا، ۋۇتەيشەن تېغى يەنە
«چىڭلياڭشەن تېغى (سالقىن تاغ)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋۇتەيشەن تېغىدا ئەزەلدىن تارتىپلا ئىبادەتخانىلار ئىنتايىن كۆپ، ھەممە يەردە دېگۈدەك كۈجە كۆيدۈرۈلۈپ، ئىسرىق سېلىنىپ تۇرىدۇ، ھازىر ئۇ يەردە يەنە شيەنتۇڭ ئىبادەتخانىسى، فۇگۇاڭ ئىبادەتخانىسى، تايۇەن ئىبادەتخانىسى، لوڭچۇەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق40 نەچچە ئىبادەتخانا بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شيەنتۇڭ ئىبادەتخانىسى ۋۇتەيشەن تېغىدىكى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانىدۇر. ئىبادەتخانىدىكى مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە مىستىن قۇيۇپ ياسالغان ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىغان قەسىر كىشىلەرنى بەكمۇ جەلپ قىلىدۇ. فۇگۇاڭ ئىبادەتخانىسى تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىدىكى مەنچۇشرى قەسرىگە شىر مىنىپ تۇرغان مەنچۇشىرى بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەنچۇشرى بۇدساتۋا مۇشۇ يەردە بۇ دۇنياغا كەلگەنىكەن. ۋۇتەيشەن تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى بۇدساتۋا چوققىسى دېيىلىدۇ، بۇ يەرگە چىقسىڭىز، پۈتۈن ۋۇتەيشەن تېغىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇدەك ھۇزۇرلىنالايسىز.
جيخۇاشەن تېغى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چىڭياڭ ناھىيىسىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى «جيۇزىشەن تېغى» بولۇپ، ئۇنىڭدا99 چوققا بار. تاڭ سۇلالىسى شائىرى لى بەي شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «نەزەر سالسام جيۇجياڭدىن چوققىسىغا جيۇخۇانىڭ، گىرەلىشىپ تۇتاشقان ئاسمان بىلەن تۇپراق - يەر. كۆزلىرىمگە كۆرۈندى توققۇز چوقا بەئەينى ھەيۋەت بىلەن ياشنىغان بولۇپ توققۇز نېلۇپەر.» بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، مۇھىتى تىمتاس، يەنە كېلىپ بۇ يەردىكى ئىبادەتخانىلارنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمىي ئىبادەتخانىلاردۇر. داڭلىق قۇرۇلۇشلاردىن رۇشېنباۋ قەسرى، بەيسۇي ئوردىسى، گەنلۇ ئىبادەتخانىسى، جىشياڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. رۇشېنباۋ قەسرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇش ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. قەسىردە ئېگىزلىكى تەخمىنەن17 مېتىر كېلىدىغان ياغاچ مۇنار بار. بۇ يەتتە قەۋەت مۇنارنىڭ ھەربىر قەۋىتىدە سەككىزدىن بۇت تەكچىسى ياسالغان. ئۇلارغا كىشىتىگەربە بۇدساتۋانىڭ ئولتۇرغان ھالەتتىكى ئالتۇن رەڭلىك ھەيكىلى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان، جيۇخۇاشەن تېغى ئىزچىل تۈردە كىشىتىگەربە بۇدساتۋا ئىستىقامەتگاھى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇ يەردە بۇددا دىنىنىڭ قىممەتلىك نومى بولغان − ھىندىستان پەتترە نومىنىڭ ساقلىنىۋاتقىنىغا1000 نەچچە يىل بولدى.
پۇتوشەن تېغى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى پۇتو ناھىيىسىگە جايلاشقان، ئۇ جۇشەن تاقىم ئارىلىدىكى كىچىك بىر ئارال. ئارالدا پۇجى، فايۈي ۋە خۇيجىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىبادەتخانا بار، ئۇلار مەملىكىتىمىز چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. پۇتوشەن تېغىدا ئاساسلىق ئەۋەلوكىتېشۋەرەگە سەجدە قىلىنىدۇ. ئارالدىكى قارا بامبۇكزارلىقنىڭ كەينىدە چاۋيىن غارى دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي غار بار، ئۇ دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاشتىكى ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز سۈيى تاشقاندا خۇددى زور قوشۇن كېلىۋاتقاندەك ئاڭلىنىپ، كىشىلەرگە تەبىئەتنىڭ غايەت زور قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، چاۋيىن غارى ئەۋەلوكتېشۋەرە بۇدساتۋا كۆرۈنىدىغان جاي ئىكەن، غار ئالدىغا ئەۋەلوكتېشىۋەرە بۇدساتۋانىڭ سۈرىتى ئويۇپ چۈشۈرۈلگەن بىر تاش تىكلەپ قويۇلغان ھەمدە ئۇنىڭغا
«ئەۋەلوكتېشىۋەرە بۇدساتۋا كۆرۈنىدىغان جاي» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان. پۇتوشەن تېغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئىقلىمى سالقىن بولۇپ، كىشىلەر ياز پەسلى ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.
ئېمېيشەن تېغى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېي ناھىيىسىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ئاساسىي چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدە ئېگىزلىكى3099 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ تۆت چوڭ بۇددا دىنى مەشھۇر تېغى ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىزى. ئېمېيشەن تېغىنىڭ تۇتاش كەتكەن ئەگرى - بۈگرى چوققىلىرى ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ، خۇددى ياساپ قويغان ئۇزۇن قاشقا ئوخشايدۇ. ئەزەلدىن تارتىپ ئۇ «گۈزەللىكتە جاھاندا تەڭدىشى يوق» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تاغدىكى ئاجايىپ بۇلۇت دېڭىزى، سىرلىق بۇد نۇرى ۋە كىشىلەر بىلەن يېمەكلىك تالىشىپ ئوينىشىدىغان مايمۇنلار ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1800 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى جيۇلاۋدۇڭ غارى ئەتراپى مايمۇنلار گاھ پەيدا بولۇپ - گاھ غايىب بولىدىغان جاي. ئۇلار دائىم ساياھەتچىلەردىن يېمەكلىك ئېلىپ يەيدۇ. ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايدۇ ھەم بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ «خاتىرە قالدۇرىدۇ».
ئېمېيشەن تېغى سەمەنتەبەدرە بۇدساتۋا ئىستىقامەتگاھىدۇر. ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانىنىڭ كەينىدە ئەسلىدە بىر مىستىن ياسالغان بۇتخانا - ئالتۇن ئىستىقامەتخانا بار بولۇپ، ئۇ يەرگە سەمەنتەبەدرە بۇدساتۋانىڭ رەسىمى قويۇلغان. ئىبادەتخانىنىڭ كەينىدە »كۆزىتىش سۇپىسى« بار، ئۇ سۇپىدا تۇرۇپ »ئېمىيشەن تېغىدىكى بۇد نۇرى« نى كۆرگىلى بولىدۇ.