Uyghur主要词典
تەرەت ئېلىش
بىئولوگىيە
مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ياكى روزا تۇتۇشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى، دىلىنى، كىيىمىنى، ئورنىنى تازىلاش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە پۈتۈن بەدەن ياكى بەدەننىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى پاكىز سۇدا يۇيۇلىدۇ ھەمدە تەرەت ئالغاندا ئىچىدە دۇرۇت ياكى قەسىدە ئوقۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەنىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار، پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)> (5 - سۈرىنىڭ 6 - ئايتىدىن). تەرەت ئېلىش ئىككى خىل بولىدۇ.
1. تەرەت ئېلىش. ئادەتتىكى نامازغا كىرىشتىن ئىلگىرى ياكى بەدەندىن قان چىققان، قۇسقان ياكى ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن تەرەت ئېلىش كېرەك. تەرەت ئالغاندا ئاۋۋال نىيەت قىلىپ، ئاۋۋال قولنى جەينەككىچە ئۈچ قېتىم يۇيۇش، ئېغىزىنى ئۈچ قېتىم چايقاش، بۇرۇننى ئۈچ قېتىم تازىلاش، يۈزنى يۇيۇش (پېشانىنى، ئېڭەكنى قۇلاققا يەتكۈزۈپ ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش، جەينەكنى يۇيۇپ، قولنى ھۆللەپ باشنى مەسھى قىلىش )بىر قېتىم(، قولنى ھۆللەپ بارماق بىلەن قۇلاقنىڭ ئىچى - سىرتىنى ۋە بويۇننى سۈرتۈش، ئىككى پۇتنى ئوشۇقىغىچە ئۈچ قېتىم يۇيۇش لازىم. تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە قايتىدىن تەرەت ئېلىش كېرەك: )1( چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا، يەل چىقىپ كەتسە؛ )2( بەدەندىن قان، يىرىڭ ئاقسا؛ )3( قۇسۇۋەتسە؛ )4( ئۇخلاپ قالسا جۈملىدىن مۈگدەپ قالسا؛ )5( ھوشىنى يوقىتىپ قويسا.
2. غۇسلى قىلىش. جۈمە نامىزى، ھېيت نامىزى ۋە دۇئا - تىلاۋەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئېھتىلام بولغاندا، ھېيىز كۆرگەندە، تۇغۇتتىن كېيىن قان توختىغاندا غۇسلى قىلىش لازىم يەنى پاكىز سۇ بىلەن پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش غۇسلى قىلىش دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلار )1( سۇ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، )2( يېتەرلىك پاكىز سۇ بولمىسا، )3( سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلسا، باشقىچە ئۇسۇل قوللانسا بولىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <ئەگەر كېسەل بولساڭلار )سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا( ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ )سۇ تاپالمىساڭلار(، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلارنىڭ ھاجەتخانىدىن كەلگەن )يەنى تاھارەت سۇندۇرغان( بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن )غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن( سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قۇلۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار...> )5 - سۈرىنىڭ 6 - ئايىتىدىن(. يەردىكى توپا، قۇم، تاش، خىش قاتارلىق نەرسىلەرگە ئالىقاننى سۈرۈپ تەيەممۇم قىلىش كېرەك. تەيەممۇمنىڭ تەرتىپى ۋە قېتىم سانى تەرەت ئېلىش بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.