Uyghur主要词典
ئېلىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماتېماتىكا ئاتالغۇسى. ھېسابتا تۆت ئەمەلنىڭ بىرى. تەرى. بەلگىسى: «-».
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قەرز، ئىلىم.
ئېلىش - بېرىش. * ئالىقاغىدا ئېلىشىڭ بولسا، بىر كۈنى ئالارسەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
توغان، توم (قۇمۇل شېۋىسى).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھارۋىنىڭ شوتىسى (قومۇل شېۋىسى).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
«ئال» نىڭ يەنە بىر خىل ھەرىكەتنامى.
موللا ئېلىشنى بىلىدۇ. بېرىشنى بىلمەيدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئېلىشماق، ئېلىشىش.1. ئەقلىدىن ئازماق، نېۋىلىرى بۇزۇلماق.
ئۇ ئېلىشىپ قاپتۇ. * ئېلىشقان ئادەم.
2. كۆڭلى ئاينىماق، قۇسقۇسى كەلمەك. مېنىڭ كۆڭلۈم ئېلىشىپ تۇرىدۇ.
3. قاتتىق تۇتۇشماق. يولۋاسى بىلەن ئېلىشماق.* جەڭچىلىرىمىز دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قەرز مۇئامىلىسىدە ئېلىشقا تېگىشلىك.
بېرىش، بېرىم
قەرز مۇئامىلىسىدە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك.
ئالىقاغىدا ئېلىشىڭ بولسا، بىر كۈن ئالارسەن. ئېلىشىڭ ئاز، بېرىشىڭ كۆپ. بېرىشنى بەرمەي ئامال يوق، بەرمىسەڭ ئېلىش يوق. ئېلىم - بېرىمدە ئىناۋەتلىك بول، يۈزۈڭ كەتمىسۇن. ئېلىشتا <ھاي - ھاي>، <ۋاي - ۋاي>.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
توغان، توما.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تېگىشمەك، ئالماشماق؛ تۇتۇشماق، چېلىشماق، ئۇرۇشماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ھارىۋىنىڭ شوتىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. توغان، توما بېشىدا بۆلۈنگەن سۇنى باشلاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ماتېماتىكا
ئېلىش ئەمىلى.