Uyghur主要词典
ئەھمەد
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياخشى دەپ سۈپەتلەشكە لايىق؛ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇرئان كەرىم» دىكى ئىسمىدۇر. «قۇرئان كەرىم » دە قەيت قىلىنىشىچە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئۆزىدىن كېيىن «ئەھمەد» ئىسىملىك يېڭى پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىپ كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللا ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەسىتىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەر مەن...»(61 - سۈرىنى 6 - ئايىتىدىن). بۇ ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئېيتقان يېڭى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئاشۇ سالاھىيىتى بىلەن دىننى تەرغىب قىلىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەخمەت، ئەمەت
بەك ماختىغۇچى