Uyghur主要词典
ئەھمەد ئەھسائى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1573 - 1826)پرسىيىدىكى شەيخىيەنى قۇرغان ئادەم. بەھرەيندە دۇنياغا كەلگەن. ياشلىق دەۋرىدە شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى كەربال، نەجەف قاتارلىق رايونلارغا باردى. مەشھۇر ئۆلىما ۋەھىد بىھباھانى قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇستاز تۇتتى. تەخمىنەن 1794 - يىلى بەھرەينگە قايتىپ كەلدى. كېيىن بەسرەدە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 1806 - يىلى سەككىزىنچى ئىمام ئەلى رىزانىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلدى. قايتىش سەپىرىدە پرسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يەزىدە شەھىرىدە دەرس ئۆتۈپ، نۇرغۇن ئادەمنى جەلپ قىلدى. 1841 - يىلى پرسىيىنىڭ غەربىدىكى كەرمەنشاھغا كۆچۈپ باردى. كېيىن ئىراقنى ۋە ماشخاد، قۇم، ئىسفاھان قاتارلىق جايلارنى ئايلاندى. بارغان يېرىدە ئىسلام ئىلمىي تەۋھىدى ۋە ئىلمىي فىقھەسى توغرىسىدا دەرس سۆزلىدى. ئىلمىي فىقھەدە ئەخبارىيەگە قارشى تۇردى. لېكىن، ئۇسۇلىيەنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشنى بەك تەكىتلەيدىغان تەشەببۇسنى قوللىمىدى. مۇجتەھىدلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش توغرىسىدىكى چەكلەش كۈچىنى ئىنكار قىلدى. فىقھەدە ئىمامنىڭ مۇتلەق نوپۇزىدا چىڭ تۇردى. لېكىن، مۆمىنلەر ئىمامغا يېقىنلاشقاندا ئالاھىدە ۋاسىتە بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئىدىيىۋى تەشەببۇسى ئۆلىمالارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى ھەمدە ئەھمەد ئەھسائى مۇسۇلمان ئەمەس، دەپ ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر شەيخىيە دەپ ئاتالدى. كېيىنكى بابىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. <ئىلمىي تەۋھىد تاللانمىلىرى>، <مەنىۋى تۇرمۇش> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.