Uyghur主要词典
بالىلار يۆتىلى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بالىلارنىڭ ئۆپكە ۋە كانايلىرىغا يات ماددا، بۇزۇق گاز، چاڭ - توزان قاتارلىقلارنىڭ كىرىشى ۋە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ھالسىزلىق، بېشى ئاغرىش، قىزىتىش، گېلى قۇرۇپ قىچىشىش، كۆكرىكى چىڭقىلىپ ئاغرىش، نەتىجىدە يۆتىلىش ئارقىلىق قىچىشىش ۋە چىڭقىلىشنى پەسەيتىشكە مەجبۇر بولۇش، يۆتەلدىن كېيىن چاپلاشقان بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
بىنەپشە 100 گرام، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئەنگۈرشىپا، ھەمشىباھار 25 گرامدىن، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، بېھى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گرامدىن، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 120 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
گۈلقەنت بىلەن تەرەنجىبىننى ئايرىم قاچىغا، قالغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ، سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستىگە ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، بىنەپشىنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 ~ 100 مىللىلىتىر ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سەرپىستان 50 دانە، چىلان 20 دانە، پوستى خەشخاش 15 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى سەككىز گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى ئىككى گرامدىن، بىھى ئۇرۇقى ئۈچ گرام، ئاق شېكەر 16 گرام، بادام مېغىزى شىرىسى، خەشخاش شىرىسى سەككىز گرامدىن، رۇببىسۇس، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى ئۈچ گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
شىرە دورىلار ۋە رۇببىسۇسلاردىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ سىقىپ سۈزۈپ، شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، ئاندىن شىرە دورىلارنى ۋە رۇببىسۇسنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گرام دورا مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرام ئىچىلىدۇ.