Uyghur主要词典
بالىلار پالىچى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بىرنەچچە ئايلىقتىن بىرنەچچە ياشقىچە بولغان كىچىك بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇلۇن ماددىلىرى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
مېڭە ۋە يۇلۇننىڭ مەلۇم قىسمىدا توسالغۇ پەيدا بولۇش سەۋەبلىك بىر ياكى ھەرئىككى پۇتى پالەچلىنىپ ھەرىكەت قىلالماسلىق ھەم كېسەللەنگەن ئەزانىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە ئۆسۈشى تەسىرگە ئۇچراپ، كۈندىن - كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، ئامىلە، سانا، ئاق تۇربۇت، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس، مەستىكى، ۋاسالغۇ 22 گرامدىن، ھەسەل 792 گرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا گاۋزىبان ئەرىقى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ھەسەل بىر كىلوگرام، سۇ ئىككى لىتىر، قەلەمپۇر، زەنجىۋىل، پىلپىل، گۈلدارچىن، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە 15 گرامدىن.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ھەسەلنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ، تۆت چىنە سۇ قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىچىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
گاۋزىبان بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.