Uyghur主要词典
ئېلان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپچىلىككە بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان نەرسە.
تېلېۋىزوردا ئېلان كۆپ، بەزىلىرى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلاندىن ئىككى نۇسخا:
ئەسلىي ئىسمىم ھۆزرە قىز بولۇپ، كېيىن زۆرەگۈل دېگەن ئىسىمنى قوللانغان، ھازىر يەنە ھۆزرەقىز دېگەن ئىسىمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم. ھۆزرە قىز.
نەنزىگۇ پەيچوسوسىدىن بېرىلگەن بەش كىشىلىك نوپۇس دەپتىرى ئىناۋەتسىز. ئەمىرخان. ياخشى مەيگە رىكلام كەتمەيدۇ. مەجلىسكە ئۇقتۇرۇش، چايغا بارغاق. ئىمتىھاننىڭ بېڭى چىقىپتۇ.
ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئېلان مەلۇم بىر خىل تارقىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇسۇل.
ئېلاننى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: ھۆكۈمەت، پارتىيە، دىن، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي گۇرۇھ ۋە شەخسنىڭ ئۇقتۇرۇشى، باياناتى، ئېلانى قاتارلىقلار ئىقتىسادىي پايدىنى مەقسەت قىلمىغان ئېلانغا كىرىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، مۇلازىمەت كەسپى تىجارەتچىلەرنىڭ باياناتى، ئۇقتۇرۇشى، تاۋار ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت تونۇشتۇرۇشى قاتارلىقلار ئىقتىسادىي پايدىنى مەقسەت قىلغان ئېلانغا تەۋە. ھازىر ئېلان دېگەندە ئادەتتە تىجارەتنى مەقسەت قىلغان ئېلانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئاددىي ئېلان كوچا بويلاپ توۋلاپ سېتىش ۋە ئىشىك ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان، ئېسىپ قويۇلغان تاۋارلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئاغزاكى ئېلان ۋە بۇيۇم ئېلانى دېيىلىدۇ. تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلاننىڭ شەكىللىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىلا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاۋازلىق ئېلان، بايراقلىق ئېلان، پانۇسلۇق ئېلان، ۋىۋىسكىلىق ئېلان، رەسىملىك ئېلان، دۇكان ئېلانى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەنىدى. كېيىن، يېزىقچە ئېلانلار بارلىققا كەلدى. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى ۋە مەدەنىيەت، سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلانمۇ يېڭى شەكىللەرگە ئىگە بولدى. ھازىر ئېلاننىڭ شەكىللىرى ئاساسلىقى گېزىت ئېلانى، ژۇرنال ئېلانى، تېلېۋىزىيە ئېلانى، رادىئو ئېلانى، يول ۋىۋىسكىسى ئېلانى، نېئونلۇق چىراغ ئېلانى، ۋىترىنا (مال ئەۋرىشكىلىرى تىزىپ قويۇلىدىغان ياكى تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلاپ قويۇلىدىغان دېرىزە − ت) ئېلانى، قاتناش ئېلانى، پوچتا يوللانمىلىرى ئېلانى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئېلان ئارقىلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇش تەمىنلەش - تەلەپ زىددىيىتىنى پەسەيتىش، سېتىش ۋە مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئېلان يەنە تەلەپنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلارنى ئاچىدۇ، تاۋار ۋە مەبلەغنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئېلان ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېتىۋېلىش ۋاقتىنى تېجەيدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قۇلايلاشتۇرىدۇ، تاۋارلارنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ. تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئېلان سەنئىتى كىشىلەرگە گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ياخشى ئىجتىمائىي پەزىلەت تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق. ئېلان چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا چىقىرىلىشى، ئىستېمالچىلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، يالغانچىلىققا ۋە ساختا تەشۋىقاتقا يول قويۇلمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش زۆرۈر بولغان خەۋەر؛ ئۇقتۇرۇش، جاكار.
تېلېۋىزوردا كىيىم - كېچەك ئېلانى بېرىلدى.
شۇنداق ئۇقتۇرۇش يېزىلغان قەغەز.
كوچىلارغا چاپلانغان ئېلاندىن ئۇ قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇم.