Uyghur主要词典
ئېل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەل، خەلق:
غەمزە بىرلەن باغلادى ئېل ئۇيقۇسىن ساھىر كۆزۈڭ،
بىخۇد ئەتكەن ھەم مېنى ئۇشبۇ ئانىڭ ئەرباغىدۇر.
تەجەللى.
دېدى پىر: شەھەرنىڭ ئېلى بۇتپەرسەت،
كى شەيتان لەئىنغە ئېرۇر پايى بەست.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەل، مەملىكەت. بەگ ئېلى _ بەگ ئېلى.
1 - 67
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوچۇقچىلىق، بوشلۇق.
قاپۇغ ئېلى _ قۇۋۇ ئالدىدىكى بوش يەر.
1 - 67
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاتنىڭ بىر خىل ئىسىمى.
ئات تۈركلەرنىڭ قانىتى بولغانلىقتىن، ئاتنى « ئېل» دەپمۇ ئاتايدۇ. «ئاتباقار»نى « ئېل» دېيىش شۇنىڭدىن كەلگەن. بۇ «ۋىلايەت باشلىقى» دېگەن سۆز بولسىمۇ، بۇنىڭدىن «ئاتباقار» دېگەن ئۇقۇم ئاڭلىنىدۇ.
1 - 68
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەل.
ئەل ئىككى خان ياكى بەگ ئارىسىدىكى يارىشىش. < ئىككى بەگ بىرلا ئېل بولدى _ ئىككى بەگ بىر - بىرى بىلەن ياراشتى.
1 -68
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېل كىشى _ پەس ئادەم، ئەسكى ئادەم. ئېل قۇش _ تاز قارا.
1 - 67